چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 08.11.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 08.11.2017

ئامېرىكىدىكى تۈرك-ئامېرىكا تور بېتى «باش مىنىستىر ئامېرىكىغا كاپالەت بېرىش قانۇن دۆلىتى پىرىنسىپىغا خىلاپتۇر، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتونغا مېڭىشتىن ئىلگىرى ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ۋىزا ئىلتىماسلىرىنىڭ چەكلىك ھالدا قوبۇل قىلىنىشقا باشلىنىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىغا كاپالەت بېرىش ياكى ئۇلاردىن كاپالەت تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش قانۇن دۆلىتى پىرىنسىپىغا خىلاپتۇر.»

فىرانسىيەدىكى خەلقئارا خەۋەر قانىلى «ئاتاك، ئانكا ۋە ھۈرقۇش تايلاندتا كۆرگەزمىگە قويۇلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققتىگە سۇندى: «تۈركىيە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى شىركىتى < TUSAŞ/TAI>يېقىنقى مەزگىللەردە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كارخانچىلار سېپىغا  كىرىشكە تىرىشماقتا. شىركەت تايلاند مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك يەرمەنكىسىدە يەرمەنكىگە قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئالاقىدار شىركەتلە بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش ئەسناسىدا تايلاند دائىرىلىرىگە ئاتاك ناملىق تىكئۇچارلارنى ئېكسپورت قىلىش تەكلىپى بېرىلدى. شىركەت ھەيئىتى پات يېقىندا تايلاندقا بېرىپ بۇ ساھەدە خىزمەتلەر ئىشلەيدۇ. مالايشىيا دائىرىلىرى بولسا ئانكاغا قىزىقماقتا. شىركەت ئانكاغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپىنى مالايشىيا دائىرىلىرىگە يەتكۈزدى، بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا بۇنىڭ نەتىجىسى چىقىدىكەن. جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن سىرت، باڭلادىشمۇ ئانكا، قوراللىق ۋە قورالسىز ھۈرقۇش، ئاتاك ناملىق تىكئۇچارلارغا قىزىماقتا. شىركەت پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بولۇپ، 12-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە دۇبەي ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ.»

ئامېرىدىكى خەلقئارا خەۋەر قانىلى CNN « تۈركىيە ئىككى چوڭ شاھمات مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە يېقىنقى مەزگىللەردە شاھمات ساھەسىدە كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ خەلقئارادا دىققەت قوزغىماقتا. دۇنيا شاھمات ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق كۈچلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن تۈركىيە شاھمات ساھەسىدە كۆرىنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەندىن سىرت، خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا تەشكىللەپ كەلمەكتە. بۇ يىل ئۆكتەبىردە  تۈركىيە شاھمات فېدراتسىيەسى ئانتاليادا ياۋروپا كۇلۇبلىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. 2019 ياۋروپا ئاياللار شاھمات مۇسابىقىسى بىلەن 2020 ياۋروپا ياشلار شاھمات مۇسابىقىسى تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.»

BBC نىڭ تۈركچە تور بېتى «ئەردوغان يېڭى ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى لايىھەسىنى تونۇشتۇردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئوپېرا بىناسىغا ئۆزگەرتىلىدىغان ئىستانبۇل ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىگە مۇناسىۋەتلىك لايىھە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ قاتناشقان يىغىندا تونۇشتۇرۇلدى. ئەردوغان يىغىندا <2019-يىلىنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە تاماملىنىدىغان ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزى ئىستانبۇل جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ سىمۋوللۇق ماكانىغا ئايلىنىدۇ>دېدى.»

رۇسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى SPUTNİK «چاۋۇشئوغلۇ ي پ گ نىڭ سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشىغا قارشىمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلگەن 2017 تۈرك ھاۋا يوللىرى <ئاۋىئاتسىيە>يەرمەنكىسىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ھۆكۈمەت قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەرنى ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن <سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ قۇرۇلتىيى>ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاپ قۇرۇلتايغا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى چوماقچىسى بولغان ي پ گ نىمۇ چاقىرماقچى بولىشى ۋە بۇ قۇرۇلتاينىڭ كېچىپ ئۆتكۈزۈلۈشى توغرۇلۇق سورالغان سوئالغا قارىتا چاۋۇشئوغلۇ، قۇرۇلتاينى چاقىرىشقا ئالدىرماسلىق لازىملىقىنى بىلدۈردى. مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دېدى: ي پ گ دەك بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشىغا قەتئىي قارشىمىز، قارشى ئىكەنلىكىمىزنى رۇسلارغا يەتكۈزدۇق.»


خەتكۈچ: BBC , CNN

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر