چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈ ھەپتە 09.02.2017

بۈ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۈ ھەپتە 09.02.2017

 

ئىران فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران دۆلەتلىك گاز شىركىتى باش مۇدىرى ھامىد رىزا ئىراقىنىڭ «ئىران تۈركىيەگە بولغان گاز قەرزىنى تۆلەش مەسلىسىدىكى كېلىشەلمەسلىكلەر پۈتۈنلەي ھەل بولدى» دېگەنلىكىنى خۋەرە قىلدى. 

فىرانسىيەنىڭ «AFP» ئاگېنتلىقى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ۋاتىكاندىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا كاتولىكلارنىڭ رۇھانى رەھبىرى پاپا فىرانكىسكۇس بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

گروزىيەنىڭ «Interpressnews» ئاگېنتلىقى «باش مىنىستىر بىنالى يىلىدىرىم زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى» دېگەن خەۋەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.  

ئامېرىكىدىكى تۈركىيە – ئامېرىكا خەۋەر مۇنبىرى تۈركىيەدە 2016 – يىلىغا سىېلىتۇرغاندا ئالدىنقى يىلى ماشىنىسازلىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ %13 ئېشىپ، 1 مىليون 674 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىنىڭمۇ %18 پىرسەنت ئېشىپ 1 مىليون 121 مىڭغا يەتكەنلىكىنى، ماشىنىسازلىق ۋە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتىنىڭ خەۋىرىدە، «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ غا بەرگەن ياردەملىرىنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا ئورتاقلىقىنى زەھەرلىگەنلىكىنى ئېيتتى» دېگەنلەرگە ئورۇن بەردى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» ئىنتېرنېت بېتى، تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزتاغنىڭ گوللاندىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملاشقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ئىنتېرنېت بېتى، تۈركىيەدىن ئامېرىكىغا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي گ ھەققىدە «تېررورچىلارنىڭ كېيىمىنى كېيگەنلەر بىزنىڭ ھۇجۇم نىشانىمىز بولىدۇ» دېگەن سىگنال يوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى «تۈركىيە چېلىشتا 82 يىلدىن بۇيان ئولىمپىك، خەلقئارالىق ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق تالىشىش مۇسابىقىلىرىدا جەمئىي 1512 مېدالىيونغا ئېرىشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ مېدالىيونغا ئېرىشكەن دۆلەت بولدى» دېگەن خەۋەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

گېرمانىيەنىڭ «DPA» ئاگېنتلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى 26 – مارتتا بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك رەھبەر يىغىنىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئامېرىكىنىڭ «AP» ئاگېنتلىقى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى مۇنبىچتىن چېكىنىشكە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» ئىنتېرنېت بېتى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇئوغلۇنىڭ «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د غا ياردەم بېرىشنى توختىتىشىنى ئوچۇق سۆزلىشىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈركىيەنىڭ نېگىرىيەنى ئېلېكتىر بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ تۈركىيەگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قويۇلغان 72 شەرتنى تولۇق ئورندىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى تېلېفون سۆھبىتىدە، ئافرىن ۋە ئىدلىب قاتارلىق سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ «تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىراننىڭ مۇھىم سىياسىتىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈركىيە ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇر رەئىسلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەنقەرە ۋە تاشكەنت دائىرىلىرى كۆپ تەرەپلىمىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر