11.05.2018

بىر ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مۇھىم مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

11.05.2018

"رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى" تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ: "ئامېرىكا تۈركىيەگە قورال سېتىشنى توختىتىش قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىسا، تۈركىيەمۇ ئۇنىڭغا قارىتا جاۋاب قايتۇرىدۇ" دەپ ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكادىكى "تۈركىش ئامېرىكان" (Turkish American) تور بېتى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىننىڭ، "قۇرئان كەرىم ھېچكىمنىڭ بۇزۇپ ئوينايدىغان تاختىسى ئەمەس" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ "ئىرنا" خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ، "قۇددۇس دەۋاسى ئىگىسى يوق دەۋا ئەمەس، مەزلۇم پەلەستىن خەلقى ئىسىرائىلىيەنىڭ زۇلمى ئالدىدا يالغۇز ئەمەس" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ س ن ن (CNN ) تېلېۋىزىيە قانىلى، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، "تۈركىيە تولۇق ئەزا بولۇپ ئورۇن ئالمايدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى لايىھەسى، كەمتۈك بولۇشقا مەھكۇمدۇر" دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سپۇتنىك (Sputnik ) تور بېتى، 2018-يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا ئانتالياغا كەلگەن رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 2017-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %59 ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكادىكى "تۈركىش ئامېرىكان" (Turkish American) تور بېتى، دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدىكى ئەندىشەلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيەنىڭ "كيودو" (Kyodo) ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ تۆمۈر يولى ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە 39 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكادىكى "تۈركىش ئامېرىكان" (Turkish American) تور بېتى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئالتە يىل ئىچىدە 207 ئايروپىلان كۆپەيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سپۇتنىك (Sputnik ) تور بېتى، مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەكنىڭ بازارلاردىكى ئېگىز-پەسلىكلەرنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قىرىم" QHA" ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ 2015-يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا، " تەلەيسىز قەدەم" باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر