08.06.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

08.06.2018

ئەنگىيەدىكى رويتېرس « Reuters » خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇنۇ خەۋەرگە ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك، پۇل سىياسىتىدىن ئەندىشە ھېس قىلغان خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ لوندوندا كارخانچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىيەنىڭ پۇل سىياسىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ ئاشقانلىقىنى، بۇ ئەھۋال تۈرتكىسىدە تۈركىيەگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى. »

رۇسىيەدىكى  رىيا نوۋستىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇنۇ خەۋەرنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە تۈركىيە ئېقىمى لايىھەسى ئۈستىدە كېڭەشتى.»

ئامېرىكىدىكى تۈرك-ئامېرىكا تور بېتى مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «تۈركىيەنىڭ ئىنسانسىز قۇرۇقلۇق ھەربىي ئاپتوموبىلى ۋەزىپىگە ئۆتۈشكە تەييار ھالەتكە كەلدى.»

ئىران مېھر خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇنۇ ئۇچۇرلارنى نەقىل قىلدى: «جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننى قوللاش قارارىنى ۋېتو قىلىشى بىزنى ھەيران قالدۇرمىدى، دېدى.

ئامېرىكا تۈرك-ئامېرىكا تور بېتى مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى:  «مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ تۈركىيەگە قەيەردىن تەھدىت كەلسە شۇ يەر تۈركىيەنىڭ نىشانى بولىدۇ، دېدى. »

رۇسىيە سپۇتنىك تور بېتىدە مۇنۇ ئۇچۇرغا ئورۇن ئاجرىتىلدى: «خەلقئارا ماركا باھالاش ئورگىنى بىراند پۇل-مۇئامىلە ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيەنىڭ ئەڭ  قىممەتلىك ماركارلىرى ناملىق لايىھەدە تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.»

ئامېرىكا تۈرك-ئامېرىكا تور بېتىنى مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇنبىچ مەسىلىسى ئۈستىدە چىقارغان قارارىنىڭ رايوندا تىنچلىق بەرپا بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇنۇ ئۇچۇرغا ئورۇن ئاجراتتى: «ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا پاسپورتسىز ساياھەت قىلىش بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ساياھەت دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. »

قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى يەنە مۇنۇ خەۋەرنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ 15-ئىيۇلدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش قىلمىشىغا قاتناشقان زوراۋنلارنى قويۇپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر