12.02.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

12.02.2019

لىۋاندا چىقىدىغان «‹ئەلھايات› گېزىتى»، سوچى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىدلىبتە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەلقەتەرىييە› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بەھرەين ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پادىشاھنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىسرائىلىيە تەرەپكە يەتكۈزدى.

ئىسپانىيەدە چقىدىغان «‹ئېلپائىس› گېزىتى»: ساقچى تەرەپ مۇستەقىللىق تەرەپدارى كاتالونىيە رەھبەرلىرىنىڭ سوتلىنىشى جەريانىدا سوت مەھكىمىسى بىناسىنىڭ ئالدىدا بىر - بىرىگە زىت ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى توقۇنۇشلار توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

چىلىدا چىقىدىغان «‹لاتېرسېرا› گېزىتى»، چىلىنىڭ 2018 – يىلى مىس ئىشلەپچىقىرىشتا رېكورت ياراتقاندىن كېيىن دۇنيا مىس بازىرىدىكى ئورنىنى قايتىدىن مۇستەھكەملىگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

مېكسىكىدا چىقىدىغان «‹ El Universal › گېزىتى»، ئادەم ئەتكەسچىلىكى نەتىجىسىدە كانادادا «زامانىۋى قۇل» سۈپىتىدە تۇتۇلۇۋاتقان 43 مېكسىكىلىقنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې› گېزىتى»، پارىژ ئەتراپىدىكى ھائۇتس – دې – سېينې رايونىدا ئىككى ترامۋاينىڭ سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Figaro  › گېزىتى» دە، 2018 – يىلى فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن يەھۇدىيلارغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ % 74 ئېشىپ كەتكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹ Le Parisien › گېزىتى»، ھەرقايسى مەكتەپلەرگە مۇناسىۋەتلىك قانۇندا، پارلامېنتنىڭ سىنىپلاردا فىرانسىيە ۋە ياۋروپا بايراقلىرىنىڭ ئېسىلىشىنى نىشان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«‹ DW › تور بېتى» دە مۇنداق دېيىلدى: جان دۈشمەنلىرى – ئىسرائىلىيە ئىراننى ھۇجۇم مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى.

«‹ Bild › گېزىتى» نىڭ تېمىسى مۇنداق: فاتىھ ئاقىننىڭ ئاخىرقى فىلىمى – ئالتۇن پەلەي – ئاياللار بۇ فىلىمنى كۆرۈشى كېرەكمۇ؟

«‹ Handelsblatt › سودا گېزىتى»، ھاكىمىيەت بېشىدىكى CDU پارتىيەسنىڭ رەھبىرى كرامپ – كاررېنبائۇئېرنىڭ، چېگرىلارنىڭ تاقىلىشى مەسىلىسىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسى بىلەن قاتتىق قوللۇق سىياسىتى مەسىلىسىنىڭ ماس قەدەمدە تەتبىق قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ RIA NOVOSTI › خەۋەر ئاگېنتلىقى»: رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئىدلىبتە بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قاراشلىق  كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئىدلىبنى قورالسىزلاندۇرۇش رايونىدا بىخەتەرلىكنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جاكارلىدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Izvestiya› گېزىتى» نىڭ خەۋىرى مۇنداق: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىمىيەلىك قوراللارنىڭ مەنئىي قىلىنىشى تەشكىلاتىدىن چېكىنىش توغرۇلۇق قارار چىقىرىش ئۈچۈن تېخى بالدۇرقلۇق قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

رۇسىيەنىڭ «‹ TASS › خەۋەر ئاگېنتلىقى »: ياپونىيە تاشقى ئىشلار  مىنىستىرلىقى، رۇسىيە بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ھەربىي تۆلەم تۆلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر