ت ر ت رادىئوسى

رادىيو

بىز ھەمىشە ئىلىم – پەن ۋە تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنىڭ دۆلىتىمىزگە كېچىكىپ كىرگەنلىكىدىن شىكايەت قىلىمىز. ۋەھالەنكى تۈركىيەدىكى رادىيو ئاڭلىتىش خىزمىتى 1927 – يىلى 6 – ماي كۈنى پۈتۈن دۇنيا بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا باشلانغان ئىدى. 1964 – يىلى 1 – ماي كۈنى TRT (تۈركىيە رادىيو – تېلېۋېزىيە ئىدارىسى» قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ بۇ خىزمەتلەر تېخىمۇ جانلىنىپ كەتتى. نۆۋەتتە TRT نىڭ رادىيولىرى؛ بىتەرەپ ۋە پىرىنسىپلىق رادىيو ئاڭلىتىش چۈشەنچىسى، توغرا ۋە پاساھەتلىك تۈركچىسى، خەۋەر، ئۇچۇر، مائارىپ، مەدەنىيەت، ناخشا – مۇزىكا ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرى بىلەن دۆلەتنىڭ ھەرقايسى بولۇڭ - پۇچقاقلىرىغا ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە خىتاب قىلىپ كەلمەكتە.

 

«TRT RADYO 1» (ت ر ت رادىيو – 1)، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە خەۋەرلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئاڭلىتىش بېرىۋاتقان بىر رادىيو بولۇپ، تۈرلۈك مۇھىم ئۇچۇرلار ۋە بىلىم سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بارلىق رادىيو ئاڭلىغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. «TRT RADYO 1» (ت ر ت رادىيو – 1)،  توغرا ۋە بىتەرەپ ئاڭلىتىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنى بىلىم، سەنئەت، ئەدەبىيات، تىياتىر، تەنتەربىيە، مۇھىت، ئىقتىساد، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك پۈتكۈل ساھەلەردە مۇھىم  ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 قىسقىسى، «TRT RADYO 1» (ت ر ت رادىيو – 1)، 1927 – يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر رادىيولا بولغان ھەممىلا جايدا بىزنىڭمۇ رادىيومىز بارلىقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە.

«TRT FM» (ت ر ت ئەف ئەم) سىلەرنىڭ سىردىشىڭلار، يولدىشىڭلار. جانلىق ۋە دېنامىك تارقىتىش ئېڭىغا ئىگە. بولۇپمۇ تەلەپلىك ناخشا پىروگراممىسى ئەڭ كۆپ تەلەپكە ئىگە بولماقتا. تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە شۇنداقلا سۇنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنىت ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاڭلىغىلى بولىدۇ. «TRT FM» » (ت ر ت ئەف ئەم) ئۇزاقلارنى يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر رادىيو قانىلىمىزدۇر.

 

«TRT RADYO 3»(ت ر ت رادىيو 3) قانىلىمىز؛ ئالۋىس پىرېسلېيدىن جون بايزغىچە، فىرانك سىناترادىن تىچايكوۋىسكىغىچە، موزارتتىن سارا ۋۇگاناغىچە بولغان چەكسىز مۇزىكا خەزىنىسىنىڭ ئەڭ ئارزۇلۇقلىرىنى ھەمدە كلاسسىك مۇزىكىلار بىلەن زامانىۋىي مۇزىكلارنىڭ بىرىكىشىنى تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە شۇنداقلا سۇنئىي ھەمراھ ۋەئىنتېرنىت ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.    

 

«TRT NAĞME» (ت ر ت نەغمە) قانىلىمىز؛ تۈركىيە رادىيو - تېلېۋزىيە ئىدارىسى ئارخىپلىرىدىكى تاللانغان ئەسەرلەرگە ۋە يېڭى ئەسەرلەرگە باي. ئومۇمخورلۇق ناخشىلار، تىڭشىغۇچىلارنىڭ تەلەپلىرى، نەق مەيدان ئاڭلىتىشلىرى، تۈرك سەنئەت مۇزىكىسىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى... قاتارلىقلارنى تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە شۇنداقلا سۇنئىي ھەمراھ ۋەئىنتېرنىت ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. 

«TRT TÜRKÜ» (ت ر ت تۈركۈ) قانىلىمىز؛ مۇقاملار، خەلق ناخشىلىرى، يېزا ناخشىلىرى، كۈيلەر، ئۇسۇللۇق ناخشىلار، يۈرتنىڭ سادالىرى، خەلق ناخشىچىلىرى، ناخشا ھەۋەسكارلىرىغىچە ۋە ئۇستىدىن شاگىرتقىچە سوزۇلغان ئۇزۇن تارىخقا ئىگە يادىكار ئەسەرلەرنى تىڭشۇغۇچىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھەممىلا يېرىدە شۇنداقلا سۇنئىي ھەمراھ ۋە ئىنتېرنىت ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاڭلىغىلى بولىدۇ. 

«TRT MEMLEKETİM FM» (ت ر ت مەملىكىتىم ئەف ئەم) قانىلىمىز؛ ھاياتنىڭ كۈلكىلىك پەيتلىرىنى، كۆچمەنلىكنىڭ مۇشەققەتلىك سەپەرلىرىنى، ئۇتۇققا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھېكايىلىرىنى، مەملىكىتىمىزنىڭ مەنىۋىي بايلىقلىرىنى جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى بىزنى ۋە بىزگە ئوخشىغان ئەھۋاللارنى مول مۇزىكىلىرى بىلەن قوشۇپ ئاڭلىتىدۇ. ياشلار بىلەن ۋە ياشلىقىنى تاشلىمىغانلار بىلەن (ت ر ت مەملىكىتىم ئەف ئەم) قانىلىمىز داۋاملىق سۆھبەتتە بولىدۇ. قانىلىمىز ئىنتېرنېت، سۇنئىي ھەمراھ، ۋە ھەتتا  سىملىق تارقىتىش ئارقىلىق ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 09:00 دىن 18:00 گىچە تارقىتىش بېرىدۇ. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ھەرقانداق ناخشىنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز ياكى بىرەر سۆيگىنىڭىزگە ھەدىيە قىلماقچى بولسىڭىز ۋەياكى ھېس تۇيغۇلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلىشىشنى خالىسىڭىز، تۈركىيەنىڭ ئەڭ شوخ ئاۋازى بولغان  (ت ر ت مەملىكىتىم ئەف ئەم)نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

«TRT TSR» (ت ر ت تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى) چەت ئەللەردىكى ۋەتەنداشلارغا ۋە تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا 24 سائەت ئاڭلىتىش بېرىدۇ. ھەرخىل ئىچكى - تاشقى مەسىلىلەردە تۈركىيەنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنى تونۇتۇشقا ھەسسە قوشىدۇ. «TRT TSR» (ت ر ت تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى)  مانا بۈگۈنكى كۈندە 37 تىلدا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىگە ئاڭلىتىش بەرمەكتە. 

 

 

«TRT ANTALYA RADYOSU» (ت ر ت ئانتاليا رادىيوسى) 1962يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر رەڭگا - رەڭ ئاق دېڭىزنى، شۇنداقلا ئاق دېڭىز مۇزىكىلىرى، كۈلتۈرى ۋە ئەنئەنىلىرىنى، ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:30 گىچە، رايون خاراكتېرلىك تارقىتىش ئارقىلىق ئانتاليادا ئاڭلىتىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 تىن كېيىن بىر سائەتكىچە «TRT TÜRKÜ» (ت ر ت تۈركۈ)قانىلى بىلەن بىرلىكتە تۈركيە ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. 

 

 

 

«TRT ÇUKUROVA RADYOSU» (ت ر ت چۇكۇرۇۋا رادىيوسى)، 1968يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر، توروسلارنىڭ قورقۇسى، تۇرمۇشى ۋە يەرلىك قىممەت قاراشلىرىنى ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە، ھەپتە ئاخىرىئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:30 گىچە،رايون خاراكتېرلىك تارقىتىش ئارقىلىقچۇكۇرۇۋادا ئاڭلىتىدۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00 دىن كېيىن بىر سائەتكىچە «TRT TÜRKÜ» (ت ر ت تۈركۈ)قانىلى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. 

 

«TRT GAP DİYARBAKIR RADYOSU» (ت ر ت گاپ دىيار باكىر رادىيوسى)، 1964يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر، شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ كۈلتۈرىنى، رايوننىڭ ساداسى ۋە فولكلورلىرىنى ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە، ھەپتە ئاخىرىئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:30 گىچە،رايون خاراكتېرلىك تارقىتىش ئارقىلىقشەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدا ئاڭلىتىدۇ.چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 تىن كېيىن بىر سائەتكىچە «TRT TÜRKÜ» (ت ر ت تۈركۈ)قانىلى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. 

 

«TRT TRABZONRADYOSU» (ت ر ت ترابزون رادىيوسى)، 1968يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر، ياپ – يېشىل تەبىئەت مەنزىرىسىنى، پەسىللىرىنى رايونغا خاس سازلار ھېسابلىنىدىغان تۇلۇم ۋە كەمەنچەسى بىلەن ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە، ھەپتە ئاخىرىئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:30 گىچە،رايون خاراكتېرلىك تارقىتىش ئارقىلىققارا دېڭىزدا ئاڭلىتىدۇ.چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 تىن كېيىن بىر سائەتكىچە «TRT TÜRKÜ» (ت ر ت تۈركۈ)قانىلى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. بېرىدۇ. 

«TRT ERZURUMRADYOSU» (ت ر ت ئەرزۇرۇم رادىيوسى)، 1960يىلىدىن بۈگۈنگە قەدەر، خەلق ناخشىلىرى، ۋە فولكلورلىرىنى شەرقىي ئانادولۇدا ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:00 گىچە، ھەپتە ئاخىرىئەتىگەن سائەت 10:00 دىن 12:30 گىچە،رايون خاراكتېرلىك تارقىتىش ئارقىلىقئاڭلىتىدۇ.چۈشتىن كېيىن سائەت 17:00 دىن كېيىن بىر سائەتكىچە «TRT TÜRKÜ» (ت ر ت تۈركۈ)قانىلى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش بېرىدۇ. 

 

«TRT KENT RADYO ANKARA» (ت ر ت ئەنقەرە كەنت رادىيوسى)، شەھەرگە ئالاقىدار ھەممە نەۈسىنى ئاڭلىتىدۇ. شەھەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى (ت ر ت ئەنقەرە كەنت رادىيوسى)نىڭ دولقۇنلىرىغا قويۇپ بەرسىڭىزلا بولدى. ت ر ت ئەنقەرە كەنت رادىيوسىنى « FM 105.6» فىرىكانسلىرىدا ئەنقەرەدە ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

 

 

«TRT KENT RADYO İSTANBUL» (ت ر ت ئىستانبۇل كەنت رادىيوسى)، شەھەرگە ئالاقىدار ھەممە نەرسىنى ئاڭلىتىدۇ. شەھەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى (ت ر ت ئىستانبۇل كەنت رادىيوسى)نىڭ دولقۇنلىرىغا قويۇپ بەرسىڭىزلا بولدى. ت ر ت ئىستانبۇل كەنت رادىيوسىنى « FM 106.6» فىرىكانسلىرىدا ئىستانبۇلدا ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

 

«TRT KENT RADYO İZMİR» (ت ر ت ئىزمىر كەنت رادىيوسى)، شەھەرگە ئالاقىدار ھەممە نەسىنى ئاڭلىتىدۇ. شەھەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى (ت ر ت ئىزمىر كەنت رادىيوسى)نىڭ دولقۇنلىرىغا قويۇپ بەرسىڭىزلا بولدى. ت ر ت ئىزمىر كەنت رادىيوسىنى « FM 99.1» فىرىكانسلىرىدا ئزمىردا ئاڭلىغىلى بولىدۇ.

 

 

«TRT KURDİ» (ت ر ت كۇردى رادىيوسى)، دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە بىر پۈتۈنلىكىگە ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلىدۇ. ئۇ زامانىۋىي يۆنىلىشتە تارقىتىش بېرىش ئېڭى بىلەن ھەممىلا ياشتىكى ئاڭلىغۇچىلارغا كورد تىلىدا خىتاب قىلىدىغان رادىيو قانىلىمىز بولۇپ، ئۇ 2009 – يىلى1 - مايدا «Radyo 6» دېگەن نام بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدا تارقىتىش باشلىغان ئىدى. «TRT KURDİ» (ت ر ت كۇردى رادىيوسى)، رايون خەلقى بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

 

 

«TRT RADYO HABER» (ت ر ت خەۋەر رادىيوسى)، دۆلىتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرى ۋە ھەممىلا تەبىقىسىگە خەۋەر پىروگراممىلارنى، ھاۋا رايى ۋە يول، قاتناش ئەھۋاللىرى ھەقىدىكى مەلۇماتلارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ئاڭلىتىدۇ. مەدەنىيەت، سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن سەھىيە خىزمەتلىرىگە قەدەر بولغان خەلق خەۋەر تېپىشى كېرەكلىك ھەممىلا ساھەدە بىتەرەپ، توغرا ۋە تېز خەۋەر يەتكۈزۈش پىرىنسىپىنى چىقىش قىلىدۇ.