جان تالىشىۋاتقان خەلقئارالىق تۈزۈم

2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يالتا كېلىشىمى ئارقىلىق ئورنىتىلغان خەلقئارالىق تۈزۈم ئەسلىدە 50 يىل ئۆتمەستىنلا ۋەيران بولدى

جان تالىشىۋاتقان خەلقئارالىق تۈزۈم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمدىلىكتە بۇ تۈزۈمنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئويۇنلىرى ئوينىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ تۈزۈم مىليارلارچە ئىنسان ئۈچۈن ناھايىتى زور خەۋپ بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

1945 – يىلقى يالتا كېلىشىمى ئارقىلىق ئورنىتىلغان دۇنيا تۈزۈمى 1991 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن مىخائىل گورباچوۋنىڭ پېرېسترويكا سىياسەتلىرىمۇ ئاخىرلاشتى. نېمىشقىكىن، بۇ «بالدۇر ۋەيران بولۇش» يەنە مەۋجۇت دۇنيا تۈزۈمىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋېتو ھوقۇقىغا ئىگە 5 دۆلەتنىمۇ تەييارلىقسىز تاشلاپ قويدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ گۇرۇپپىنىڭ 5 ئەزاسىدىن بىرى بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ پېرېسترويكاغا قارىتا تەييارلىقسىز ئىدى.

پېرېسترويكا بىلەن بىرلىكتە بىردىنلا بوشلۇققا چۈشۈپ قالغان ئىقتىسادى  ۋە دۆلەت مۇپاپىئەسى سانائىتى ئەڭ كۈچلۈك بولغان 5 دۆلەت، كونا تۈزۈمنىڭ كۈللىرى ئۈستىگە يېڭى بىر « Phoenix » ئورنىتىشقا تىرىشتى.  بۇ يېڭى تۈزۈمنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولدى، ھالبۇكى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارانلا 200 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر دۆلەت ئىدى. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ دۆلەتنىڭ تېخىچە بۇرژۇئازىيەسىمۇ يوق ئىدى. چۈنكى بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن كەم دېگەندە تەخمىنەن 4 ئەسىرنىڭ ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.

نە مەدەنىي، نە ئىجتىمائىي جەھەتتىن  بۇرژۇئازىيەسى بولمىغان ئامېرىكا قورال ياراغ سودىگەرلىرى، كۆچمەن ئائىلىدىن كەلگەن بايلار، ناھايىتى كۆپ زېمىنى بار يېزىلىقلار ۋە قاراڭغۇ بازار ئىقتىسادىي تۈزۈملىرى ئارقىلىق باي بولغان ئىنسانلار دۆلەتنىڭ خوجايىنى بولغان بىر دۆلەتتۇر.

بۇ يېڭى دۇنيا تۈزۈمىنى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن دەسلەپتە فۇكۇياما ۋە ھانتىڭتون قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلاردىن پايدىلىنىلدى، بۇ ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە تەتۈر تەشۋىقات پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. ئارقىدىنلا يېڭى دۇنيا تۈزۈمى بۇش دەۋرى بىلەن بىرلىكتە سىياسىي / مۇقەددەس بىر ھاكىمىيەت ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرۇلدى. دادا بۇش ئۈچ بىرلىك سالىمى ئارقىلىق پۈتكۈل تاراتقۇلار ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالدىدا ئىراق ئىشغال ھەرىكىتىنى «مۇقەددەس ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى» دەپ ئاتىدى. بۇ يېڭى تۈزۈمنىڭ ياشاش مەنبەسىنىڭ 1945 – يىلقى يالتا كېلىشىمى ئىكەنلىكى ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا جاكارلىنىۋاتاتتى.

ئەسلىدە ماگنا كارتادىن بۇيان ئۆزگىرىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان «ياۋروپا ئۆلچەملىرى»، جۇرج ھېربېرت ۋالكېر بۇش، باشقا ئىسمى دادا بۇش 1991 – يىلقى ئىراقنى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغاندا قىلغان «مۇقەددەس ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى» نى  باشلىتىمەن» جۈملىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى.

ئۇ چاغلاردا ياۋروپانىڭ ۋىجدانى تېخى ئىنكاس قايتۇرالايتتى. زىيالىيلار، يازغۇچىلار، ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى  بۇ  ئىشغالغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرەلەيتتى. مەسىلەن، ئىسپانىيەلىك پەلسەپىجى سانتىياگو ئالبارىكونىڭ بۇ تۈزۈمگە بەرگەن رەددىيەسى نەزەرىيە جەھەتتىن يېڭى دۇنيا تۈزۈمىنىڭ ئاساسىغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە ئىدى. ئالبارىكو ئۆز ۋاقتىدا بۇ يېڭى تۈزۈمنىڭ نەزەرىيەچىلىرىنىڭ چۈشەنچە ۋە ماقالىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېڭى دۇنيا تۈزۈمىنى «جاھانگىرلارچە بۇلاڭ – تالاڭ ۋە خەلقلەرنىڭ قېنىنى شوراش تۈزۈمى» دەپ ئاتىغانىدى.

دەرۋەقە كوممۇنىست ھاكىمىيەتلەرنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن ئىچكى توقۇنۇشلار، ئۇرۇشلار، كىرىزىسلەر ۋە قالايمىقانچىلار ھەمما ياقنى قاپلاپ كەتكەن رايونلارنىڭ ھەممىسىدە مىسلىسىز ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ۋە كۈچلۈك سودا  زاپاسلىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بولۇشى تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى. ئافغانىستاندىن ئالجىرىيەگىچە بولغان تۇپراقلاردا بىردىنلا تېررور ۋە   زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەممە ياقتا جار سېلىشقا ۋە ھەيۋە قىلىشقا باشلىدى. 1993 – يىلى 6 – دېكابىر كۈنىدىكى    The İndependent  گېزىتىنىڭ   ھەم 1 – سەھىپىسى ھەم 10  - بېتىدىكى خەۋىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغايتتى. خەۋەردە ئۇسامە بىن لادىننىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ تىنچلىق يولچىلىرى ۋە ئۇلۇغ زاتلار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىۋاتاتتى ھەمدە خۇددى ئەۋلىيالاردەك كۆرسىتىلىۋاتاتتى. خۇددى ساددام ھۈسەيىننىڭ ئاتالمىش ئىران ھاكىمىيىتىگە قارشى «قەھرىمەن جەڭچى»  قىلىپ كۆرسىتىلگەن 1980 – يىللاردىكىدەك.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن غەرب مەدەنىيىتى ئۆزى قوللاپ «ئۇلۇغ» ۋە قەھرىمان» قىلىپ كۆرسەتكەن بۇ شەخسلەرنى بىردىنلا «تېررورىست» قىلىپ كۆرسەتتى. ئارقىدىنلا دادا بۇش ئۈچ بىرلىك سالىمى بىلەن رايونىمىزنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇۋېتەىتتى.

ئاشۇ يىللاردا ئالجىرىيەدە FIS  ئىسىملىك ئىسلامنى ئۆزىگە نىقاب قىلىۋالغان بىر قانلىق تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئامېرىكا شىركەتلىرى ئالجىرىيە بىلەن ئېنېرگىيە كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن پىچاق بىلەن كېسىۋەتكەندەكلا  بىردىنلا بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كېسىدىغان ھەرىكەتلىرى تىنجىپ قالدى ۋە تەشكىلات غايىب بولدى.

ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىنىڭ ھەممىسى تولىمۇ ئەپسۇسكى، كاتتا بايلار بولۇپ، بۇرژۇئازىيە مەدەنىيىتىدىن خالىي ئىدى، شۇڭا ئۇلار بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى زومىگەرلەرگە ئوخشاش ئەتراپىدىكى ئاچ كۆز بايلارنىڭ مۇستەملىكىنى ئاساس قىلىدىغان سىياسەتلىرىنى يولغا قويدى.

1945 – يىلقى يالتا كېلىشىمى ئارقىلىق ئورنىتىلغان ئادالەتسىز زالىم تۈزۈم ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە يېڭى دۇنيا تۈزۈمى دەپ ئاتالغان ئامېرىكىنىڭ چۈشى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن بىر قارا چۈشكە ئايلاندى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا بۇ ئادالەتسىز تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە بارلىق قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتقاندەك بىر مەنزىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

مۇنۇ مەنزىرىگە نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا، ئىختىيارسىز ھالدا ھەيرانلىق دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىسىز:

ئەركىنلىكچى دېموكراتلار دۇنيانىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ئوچۇق - ئاشكارا ئويۇنلارنى ئوينىسا، مۇھاپىزىكار ۋە ئاتالمىش ئەركىنلىككە قارشى جۇمھۇرىيەتچىلەر بۇنىڭغا قارشى چىقماقتا. جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە سىياسىەتشۇناسلىق ئىلىملىرى ئامېرىكىدىكى بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋالنىڭ ئالدىدا گويا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويماقتا.

بۇ تۈزۈمنى ئۇزۇق قىلىۋالغان ھاكىمىيەتلەر بۇنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەخلاقسىز زوراۋانلىقلارنى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا بازارغا سالماقتا.

ھالبۇكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بۇرۇندىن تارتىپلا مۇنۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كەلمەكتە: «سىلەر باغرىڭلارغا بېسىۋاتقان بۇ تېررور كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرگە قايتىپ، بېشىڭلارغا پۈتمەس - تۈگىمەس بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.»

تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە يەر شارى خاراكتېرلىك تېررور تەھدىتى پۈتكۈل غەربنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالدى. شۇنداقتىمۇ «يېڭى دۇنيا تۈزۈمى» دەپ ئاتالغان زۇلۇم تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۇنيادىكى تېررور ئوت ئاپىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئامېرىكا خەلقى ۋە غەرب دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بۇ قانلىق، مۇستەملىكىچى، باشقىلارنى چەتكە قاققۇچى تۈزۈمنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋېلىپ تۇرۇۋالمايدىغانلىقىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە. ترامپنىڭ باياناتلىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇمۇ بۇ ئادالەتسىز تۈزۈمدىن تولىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلماقتا. ئۇنىڭمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۇدا بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقان «تېخىمۇ ئادىل» ۋە «ئىنسانپەرۋەرلىك» نى ئاساس قىلىدىغان بىر دۇنيا تۈزۈمى نەزەرىيەسىنى قوللىشىغا تىلەكداشمىز.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر