دائېش ئىراقتا 11 كىشىنى ئۆلتۈردى

ئىراقتا مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە تېررورىستلارنىڭ ئەددۇببات مەھەللىسىگە 6 دانە كاتيۇشا راكېتا بومبىسى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 11 كىشى ئۆلدى.

دائېش ئىراقتا 11 كىشىنى ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتيۇشا راكېتا بومبىلىرى تەگكەن ئۆيدىكى ئۆلگەنلەرنىڭ  ھەممىسى بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرى ئىدى.

ئىراق ئارمىيەسى شەھەردىكى يەنە 4 مەھەللىنى كونترول ئاستىغا ئالدى ھەمدە شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى دىجلە دەرياسى ساھىللىرىغا يېتىپ باردى.

مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.

شەھەردىن كۆچۈپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 173 مىڭغا يەتتى.

ئىراق قىسىملىرى پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپىنچىسىنى باشىكا ھەربىي لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرلىكتە 17 – ئۆكتەبىر كۈنى مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر