كېررىنىڭ ئايروپىلانى تىفلىسقا مەجبۇرىي قوندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىنىڭ ئايروپىلانىدا تېخنىكىلىق كاشىلا كۆرۈلۈپ، بۈگۈن ئەتىگەن گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىفلىسقا مەجبۇرىي قوندى.

كېررىنىڭ ئايروپىلانى تىفلىسقا مەجبۇرىي قوندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىفلىس شوتا رۇستاۋەلى ئايرودۇرۇمىدا گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى داۋىت زالكالىئانى ۋە ئامېرىكىنىڭ تىفلىستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغان كېررى، مۇھىم شەخسلەر زالىدا كۈتۈۋېلىندى. كېررى بىلەن گىرۇزىيەلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدا ئايرودۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن قىسقا ئۇچرىشىشتا، گىرۇزىيەدىكى سىياسىي، دېموكراتىك ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىررى، گىرۇزىيەنىڭ بۇ ساھەلەردە ھەيران قالارلىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى، رايوندا مۇھىم رولغا ئىگە بولغانلىقىنى قەيت قىلدى ۋە ھۆكۈمەتكە ئۇتۇق تىلىدى.

گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياردەمچىسى داۋىت زالكالىئانىمۇ، دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى كونكرېت شەكىلدە قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ھەسسە قوشقان كېررىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

كېررى، ئۇچرىشىشتىن كېيىن تىفلىستىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر