ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى رېكس تېللېرسون، «سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن تەكرار ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى 20 – يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان دونالد ترامپنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى رېكس تېللېرسون، «سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان بىلەن تەكرار ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى تۈركىيە بىزنىڭ ناتو دىكى قەدىناس ئىتتىپاقدىشىمىز» دېدى.

 تىللېرسون ترامپ تەرىپىدىن نامزات كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىدا پالاتا ئەزالىرىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتە «ئامېرىكا رەھبەرلىكى» نىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەن تىللېرسون، ئامېرىكىنىڭ رايوندا قايتا سۆز ساھىبى بولالىشى ئۈچۈن «ئىتتىپاقداشلىرى ۋە دوستلىرى» بىلەن قايتىدىن ھەمكارلىشىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۈرىيەدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر يېرى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن تىللېرسون، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن قايتىدىن ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى تۈركىيە بىزنىڭ ناتو دىكى قەدىناس ئىتتىپاقدىشىمىز. تۈركىيە رايوندا ئامېرىكىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەندىشە قىلىپ، يۆنىلىشىنى رۇسىيەگە قاراتتى. رۇسىيە ئۇزاق مەزگىللىك ئىتتىپاقداش ئەمەس. شۇڭا رۇسىيەنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىتتىپاقداش ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكا» دېدى.

سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن تىللېرسون، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيەنىڭ بەششار ئەسەدتىن كېيىن كېلەچىكى توغرۇلۇق قارار بېرىشىمىز لازىم.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر