ئامېرىكا ئەسكەرلىرى رۇسىيە چېگراسىدا

ئامېرىكا ياۋروپادىكى رۇسىيە چېگراسىغا  سوغۇق ئۇرۇشتىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك قوشۇن يۆتكىمەكتە.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى رۇسىيە چېگراسىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە دېڭىز ئارقىلىق گېرمانىيەدىكى برېمېۋھاۋېن پورتىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى بۈگۈن رۇسىيە چېگراسىغا يېتىپ باردى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھەربىي ئاپتوموبىل ئەترىتى 80 دىن ئارتۇق تانكا ۋە بىرونېۋىك ھەمدە تەخمىنەن 4 مىڭ ئەسكەردىن تەشكىل تاپىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 2800 قورال – ياراغ بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 87  Abrams M1A1  تىپلىق تانكا، يۈزلەرچە بىرونېۋىك، 20 شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، 136 Bradley  ھەربىي ئەسلىھە بار ئىكەن.

ئەنگلىيە، كانادا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ رۇسىيە چېگراسىغا بىرەر مىڭدىن ئەسكەر  ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ قىسىملار كېلەر ئاي پولشا، بالتىق دۆلەتلىرى، بۇلغارىيە ۋە رومنېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

غەرب ئەللىرى رۇسىيە چېگراسىدا زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر  ئۆتكۈزىدىكەن.

مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ۋاشىنگتوندا 20 – يانۋاردىن كېيىن قانداق  ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىغا مەركەزلەشمەكتە.

دونالد ترامپنىڭ 20 – يانۋار كۈنى باراك ئوبامادىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن كېيىن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش، ترامپنىڭ موسكۋا بىلەن يېڭى سەھىپە ئېچىش ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توڭلىتىپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

رۇسىيە بولسا ئامېرىكىغا تېخىچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

موسكۋا ھۆكۈمىتى بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئەنگلىيەنىڭ بۇلتۇر رۇسىيە چېگراسىغا قوشۇن ئەھەتىدىغانلىقىغا جاكارلىشىدىن كېيىن بۇزۇلغانىدى.

لوندون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي كۈچىنى رومنېيە ۋە ئېستونىيەگە ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ناتو غا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان،  ھەمدە رۇسىيە بىلەن قۇرۇقلۇقتىن چېگراسى بولمىغان ۋە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان كالىنىنگرادقا  S-300  ۋە «ئىسكەندەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رۇسىيە ئاللىقاچان پولشا چېگراسىغا ھەربىي قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر