ئىسرائىلىيە شەيخ رائىد سالاھنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى، «1948 پەلەستىن ئىسلام ھەرىكىتى» رەھبىرى شەيخ رائىد سالاھنى ئالدىمىزدىكى ھەپتە قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

ئىسرائىلىيە شەيخ رائىد سالاھنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەيخ رائىد سالاھنىڭ ئادۋوكاتى ئۆمەر خۇمايىسە بايانات بېرىپ، «ئىسرائىلىيە تۈرمىلەر دائىرىلىرى، سالاھنىڭ 17 – يانۋاردا قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى رەسمىي شەكىلدە بىزگە مەلۇم قىلدى» دېدى.

قانۇن بويىچە بولغاندا، سالاھنىڭ سەيشەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنىڭ ئەندىشىدىن خالىي ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن ئادۋوكات ئۆمەر خۇمايىسە، «ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ سالاھنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېڭى جىنايەتلەرنى ئارتىش، مەمۇرىي جازا دائىرىسىدە تۇتۇپ تۇرۇش، ئۆيىگە نەزەربەند قىلىش ياكى مېدىياغا بايانات بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەندەك بەزى قەدەملەرنى تاشلىشىدىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى.

ئۆمەر خۇمايىسە، بىنورمال بىر ئىش بولۇپ قالماستىن 17 – يانۋاردا رائىد سالاھنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

«1948 پەلەستىن ئىسلام ھەرىكىتى» رەھبىرى شەيخ رائىد سالاھ، 9 يىل ئىلگىرى سۆزلىگەن بىر خۇتبىسىدە «زوراۋانلىققا چاقىرىق قىلغانلىقى» بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2016 – يىلى 18 – ئاپرېلدا ئىسرائىلىيە مەھكىمىسى تەرىپىدىن 9 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

شەيخ رائىد سالاھ ماي ئېيىدىن بۇيان بىئرۇسسەبئە شەھىرىدىكى بىر تۈرمىنىڭ يالغۇز كىشىلىك كامېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر