تۈرك دوختۇرلار سۇداندا 500 كىشىنى كۆز ئوپراتسىيەسى قىلدى

مەركىزى تۈركىيەدىكى «يەر شارى خاراكتېرلىك دوختۇرلار جەمئىيىتى» سۇداندا 500 كىشىنى كۆز ئوپراتسىيەسى قىلدى.

تۈرك دوختۇرلار سۇداندا 500 كىشىنى كۆز ئوپراتسىيەسى قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان «ئىسلامىي تېبابەتچىلىك جەمئىيىتى» نىڭ مەسئۇلى نىزار مۇھەممەدنىڭ ئېيتىشىچە، «يەر شارى خاراكتېرلىك دوختۇرلار جەمئىيىتى» سۇداننىڭ كەسلا ۋە ئەلقادارىف ئۆلكىلىرىدە ھەقسىز ھالدا 1500 بىمارنى داۋالاپ ساقايتقان، 500 كىشىنى كۆز ئوپراتسىيەسى قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، «يەر شارى خاراكتېرلىك دوختۇرلار جەمئىيىتى» نىڭ دوختۇرلىرى كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن كېنىيە، ئۇگناندا، سومالى، تانزانىيە، سۇدان، نىگېر ۋە كونگو قاتارلىق ئافرىقا ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر