ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: : ئەردوغان  پۇتىن بىلەن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە بىر يەرگە جەم بولدى، ئىككى رەھبەر ئۇچرىشىشتىن كېيىن سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق مۇھىم سىگناللارنى بەردى.

ئەردوغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىمىزدا سۈرىيە كىرىزىسى توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق ھەمدە كىرىزىسنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق.»

پۇتىن مۇنداق دېدى: «سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئورتاق قاراشقا ئىگىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر