تىبەتتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زېيىنى ئېغىر بولدى

تىبەتتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە مەكتەپ، ساقچى پونكىتلىرى، دوختۇرخانىلار ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش زىيانغا ئۇچرىدى.

تىبەتتىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زېيىنى ئېغىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ تىبەت ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى تىبەتنىڭ 6 ناھىيە ۋە رايونىدا تەخمىنەن 12 مىڭ كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى 6.9 بال يەر تەۋرەش ئاپتىدە ئۆيلىرى زىيانغا ئۇچرىغان 2000 كىشىگە چېدىر ياردەملىرى يەتكۈزۈپ بېرىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، شەنبە كۈنى تىبەتنىڭ نىيىڭچى رايونىدا يۈز بەرگەن 6.9 بال يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن، تەخمىنەن 300 قېتىمغا يېقىن قالدۇق يەر تەۋرەشلەر مەيدانغا كەلگەن.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى تىبەتنىڭ 6 ناھىيە ۋە رايونىدا، تەخمىنەن 12 مىڭ كىشىنىڭ تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، مەكتەپ، ساقچى پونكىتلىرى، دوختۇرخانىلار ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش زىيانغا ئۇچرىغان.  

رايون قاتىنىشى توختاپ، ئۈل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئۇچۇر – ئالاقە لېنىيەلىرىمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، يەر تەۋرەشتىن كېيىن، 49 جايغا 500 چېدىر قۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇ چېدىرلارغا 2000 دىن ئارتۇق ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كىشىلەر ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ھەمدە ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارغا يېمەك – ئىچمەك ۋە ئەديال تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تىبەتتە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى 6.9 بال يەر تەۋەرش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلمىگەنلىكى، پەقەت 3 كىشىنىڭلا يارىدار بولغانلىقى تەكىتلەندى.    

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر