جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جا-ئىن خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جا-ئىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شىن جىنپىڭنڭ تەكلىپىگە بىنائەن خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جا-ئىن خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جا-ئىننىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 13-دېكابىردىن 16-دېكابىرغىچە خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىنىڭ خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى بۇرۇنراق نورمال ھالەتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسى باياناتچىسى پارك سو خىيۇنمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پىرېزىدېنت مون جا-ئىننىڭ خىتاي زىيارىتى ئەسناسىدا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن خىتاي-جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدىمۇ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر