پۇتىن سايلامدا نامزات بولىدۇ

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 2018-يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پۇتىن سايلامدا نامزات بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن نىجنى نوۋگورود شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە بايانات ئېلان قىلىپ: «ئالدىمىزدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا نامزات بولىمەن» دېدى.

پىرېزىدېنتلىق سايلىمى، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان كۈن بولغان 2018-يىل 18-مارتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

سىياسىي ئانالىزچىلار پۇتىن تەختىنى ساقلاپ قالىدۇ، دەپ قارىماقتا. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىدە، رۇس خەلقىنىڭ %68 ى پۇتىنغا بېلەت تاشلاشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

راي سىناش نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، سايلامدا پۇتىننىڭ رەقىبى بولۇش ئېھتىمالى بولغان رۇسىيە لىبېرال دېموكرات پارتىيەنىڭ رەئىسى ۋلادىمىر جىرىنوۋسكى %4، رۇسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى گېننادى زيۇگانوۋ %3 ئاۋازغا ئېرىشىدىكەن.

رۇسىيەدە پۇتىننىڭ ئەڭ مۇھىم رەقىپلىرىدىن بىرى بولۇپ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۆكتىچى ۋە «چىرىكلىككە قارشى كۈرەش فوندى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئالېكسى ناۋالنى ئۆزى توغرىسىدا دەۋا-دەستۇرلار بولغان بولۇشى ۋە دائىرىلەر قارشى چىققان بولۇشىغا قارىماي، سايلامدا نامزات بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر