«قۇددۇس جېنىمىزدۇر، قېنىمىزمۇ پىدا بولسۇن!»

پەلەستىن خەلقى ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئېلان قىلىشىغا قارشى پەلەستىن ۋە قۇددۇسنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

«قۇددۇس جېنىمىزدۇر، قېنىمىزمۇ پىدا بولسۇن!»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قارارىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي قۇددۇسنىڭ كونا شەھەر رايونىنىڭ مەكىزى كىرىش نۇقتىلىرىدىن شام دەرۋازىسىغا كېلىپ توپلاشقان پەلەستىن خەلقى ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېلان قىلىشىغا قارشى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

پەلەستىنلىك نامايىشچىلار: «قۇددۇس جېنىمىزدۇر، قېنىمىزمۇ پىدا بولسۇن!» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى. ساقچىلار نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇداخىلە قىلدى.

قۇددۇس كوچىلىرىدىكى جىددىيچىلىكلەر داۋاملاشماقتا. 

ئىسرائىىليەنىڭ ئاتلىق ۋە پىيادە ئونلىغان ئەسكەرلىرى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسنىڭ مۇھىم يەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، غەربىي قىرغاقنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىمۇ نامايىشلار داۋاملاشملاقتا.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەلخەلىلدىكى نامايىشچىلارغا قاتتىق مۇداخىلە قىلدى.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، پىلاستىك ئوق ۋە راست ئوقلارنى ئىشلىتىپ, پەلەستىنلىك نامايىشچىلارغا مۇداخىلە قىلماقتا.

بەيتۇللاھىم ۋە راماللاھتىمۇ ئىسرائىلىيە قىسىملىرى نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر