رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى: دائېش سۈرىيەدىن تەلتۆكۈس تازىلاندى

رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموۋ موسكۋادا بايانات بېرىپ، سۈرىيەدىكى دائېشچىلارنىڭ تەلتۆكۈس تازىلانغانلىقىنى، سۈرىيەدە دائېشنىڭ كونتروللۇقىدا ھېچقانداق بىر جاينىڭ قالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى: دائېش سۈرىيەدىن تەلتۆكۈس تازىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن گېراسىموۋ، «شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن (تۈنۈگۈن) دىن ئېتىبارەن، سۈرىيە دائېشتىن پۈتۈنلەي تازىلاندى ۋە سۈرىيەدىكى دائېش مەنسۇپلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاندى» دېدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىراقتىكى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ھەمنەپەس بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تۈنۈگۈن بايانات بېرىپ، فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىسمىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئەمدى رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران سوچىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ قۇرۇلتىيىغا مەركەزلىشىش كېرەك» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر