ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا خىرىستىيان ئالىملارمۇ نارازىلىق بىلدۈردى

قۇددۇسلۇق خىرىستىيان دىنىي ئالىملار ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپقا تېلېگرامما يوللاپ، ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىغا خىرىستىيان ئالىملارمۇ نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىرىستىيان ئالىملار تېلېگراممىسىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  قۇددۇسنىڭ مەۋجۇت سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىش نىشان قىلىنغان بۇنداق ھەرىكىتىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكەت قۇددۇستا ۋە مۇقەددەس جايدا نەپرەت، توقۇنۇش، زوراۋانلىق ۋە كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىزنى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك نىشانىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئاخىرى پالاكەت بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ھالاكەتلىك يولغا باشلايدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتېنياھۇغا قارشى گۇرۇپپىلار پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى ھەمدە ئىسرائىلىيە – پەلەسىتن ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق  ئورنىتىشقا چاقىردى.

«تىنچلىق تەرەپدارلىرى يەھۇدىيلار» گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى رېبېككا ۋىلكومېرسون ترامپنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇدا 70 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ ياردىمى ئاستىدا پەلەسىتنلىكلەرنىڭ زېمىنلىرى ئوغرىلانماقتا ۋە قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق مەھەللىلىرىنى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا. ئەمدىلىكتە بولسا ترامپ بۇ مۇناسىۋەتلەرنى ئوخشىمىغان تەرەپكە بۇرۇۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇ مەسئۇلىيەتسىزلارچە قىلمىشتۇر، جۈملىدىن ترامپنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى پەلەسىتن ۋە ئىسرائىلىيەدە ياشاۋاتقانلارنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە.»

« J Street » ناملىق گۇرۇپپىمۇ ئاممىۋى تاراتقۇلاردا ئېلان  قىلغان باياناتىدا، ترامپنى بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «ترامپنىڭ بۇ قارارى ئىسرائىلىيە – پەلەسىتن ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئالدىنقى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنداق قارار چىقارماسلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بار ئىدى، چۈنكى بۇنداق قىلغان تەقدىردە، ئىسرائىلىيە – پەلەسىتن ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇزاكىرىلىرى خەۋپكە ئىتتىرىلگەن بولاتتى، ھەتتا كىرىزىس قايتا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى.»

ئۆزلىرىنى «سىيونىزمغا قارشى ئورتودوكس يەھۇدىيلىرى» دەپ ئاتىۋالغان « Neturei Karta International» ناملىق گۇرۇپپىمۇ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ترامپنىڭ قۇددۇس قارارىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى رېئال ھاياتقا ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا ترامپ بۇنداق پەرۋاسىزلارچە ھەرىكىتى تۈپەيلى ئەيىبلىنىشى كېرەك. پىرېزىدېنت ترامپتىن بۇ پىلانى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىق شەكىلدە قارار چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 1995 – يىلى چىقىرىلغان «ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس باش ئەلچىخانىسى» قانۇنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش بەلگىلىمىسى بار بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش ئۇدا 22 يىلدىن بۇيان بىل كلىنتون، جۇرج بۇش ۋە باراك ئوباما دەۋرلىرىدە ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم «مىللىي بىخەتەرلىك» سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈپ كېلىنىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر