قاتار پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

قاتار باش مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن ناسىر بىن خەلىفە پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

قاتار پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار باش مىنىستىرى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ ئابدۇللاھ بىن ناسىر بىن خەلىفە قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەخلىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا دىيالوگ يولى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى پارس قولتۇقى كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

18-دېكابىر قاتار دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان ئەل سانى، قاتارنىڭ ئىچكى ئىشىلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇۋاتقۇچىلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

قاتارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان قاراشلار ۋە ئەيىبلەشلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئەل سانى، قاتارنى مۇھاسىرە ئاستىغا  ئالغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارنى پاسسىپ ھالەتكە كەلتۈرۈپ تەسىر دائىرىسى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيبىلدى.

قاتارنىڭ دۆلەت بايرىمىنى ئادىل بولمىغان مۇھاسىرە سىياسىتى ئاستىدا تەبرىكلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان ئەل سانى، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ قاتارنى پىرىنسىپلىرى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتۈرۈپ ئۆزلىرىگە بېقىندى قىلىش غەرىزىدە مۇھاسىرە سىياسىتى يولغا قويغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

«پارس قولتۇقى كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان بىز ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا دەخلە قىلىنمىغان ۋە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىملىغان ئاساستا دىيالوگ يولى ئارقىلىق كىرىزىسنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق»دېگەن ئەلى سانى، قاتارنىڭ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ۋە زىيانلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا زور ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر