ئىراقتا تۈركمەنلەرنىڭ ئىشخانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى مۇسۇللا رايونىدا تۈركمەنلەرنىڭ ئىشخانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئىراقتا تۈركمەنلەرنىڭ ئىشخانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدىكى مۇسۇللا رايونىدا ئىراق تۈركمەن فرونتىغا تەۋە ئىككى ئىشخانا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

كەركۈك ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى ھاتتاپ ئۆمەر مۇنداق دېدى: «كەركۈك شەھەر مەركىزىدە ئىراق تۈركمەن فرونتىنىڭ ئىككى ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.»

ئىراق تۈركمەن فرونتىغا تەۋە ئىككى ئىشخانىدىن سىرت تۈركمەن ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىغا تەۋە ئىشخانىلارنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان ئۆمەر، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلمىگەنلىكىنى بىراق ماددىي زىيان كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆمەر  ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ساقچى ئىدارىسى تارمىقىدىكى تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىش خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر