گېرمانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا يېڭى تۇرالغۇلارنى سېلىش قەدەملىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بولۇپمۇ 1967 – يىلىدىكى چېگرالاردىن يىراق ئاھالىلەر رايونلىرىدا يېڭى تۇرالغۇلارنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە پەلەستىندىكى خۇسۇسىي زېمىنلارغا قانۇنسىز رەۋىشتە ساقچى پونكىتلىرىنى سېلىپ بۇنى يوللۇقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ قايغۇرۇش پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھەر ئىككى تەرەپ سوغۇققانلىقنى ساقلاپ قىلىشقا چاقىرىلغان باياناتتا، بىر تەرەپلىمە توغرىلارنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارنىڭ كېلەچەكتىكى مۇزاكىرىلەرنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى، شۇڭا بۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىملىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا، پەقەت مۇزاكىرە قىلىنغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭلا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداپ، ئىشغالغا ۋە ئۆزئارا تەلەپلەرگە خاتىمە بېرىپ، ئۈزۈل – كېسىل تىنچلىقنى روياپقا چىقىرالايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر