ئامېرىكىنىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئامېرىكىنىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون فىلېي، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بەزى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

ئامېرىكىنىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ترامپقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ پانامادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون فىلېي، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بەزى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئىشلەتكەن «ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدىغان دۆلەتلەردىن كېلىشىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، فىلېي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللىغان ئىستېپا مەكتۇپىدا، بۇ سەۋەبتىن پىرىنسىپلىرىغا توغرا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ترامپ ھۆكۈمىتىگە خىزمەت قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مىنىستىرلىق فىلېينىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ۋە 9 – مارتتىن باشلاپ خۇسۇسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى دەم ئېلىشقا چىقىشقا قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جون فىلېي، 2015 – يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما مەزگىلىدە پاناما باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەنىدى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاقسارايدىكى بىر يىغىنىدا، بەزى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى ئەيىبلەپ، «كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدىغان دۆلەتلەردىن كېلىشىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.

تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەردە، جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ جەنۇبىي كارولىنا پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراھام ۋە دېموكراتچى قاناتنىڭ ئىللىنوئىس پالاتا ئەزاسى دىك دۇربىن قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان بىر يىغىنىدا، ترامپنىڭ «نېمىشقا كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدىغان بۇ دۆلەتلەردىن كىشىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى خالايمىز. نورۋېگىيەدىن تېخىمۇ كۆپ كۆچمەن قوبۇل قىلىشىمىز لازىم» دېگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر