ئامېرىكا: ئىران يادرو كېلىشىمىنى قالقان قىلىپ، خەلقئارا پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلماسلىقى لازىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېي، ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ، خەلقئارا پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا: ئىران يادرو كېلىشىمىنى قالقان قىلىپ، خەلقئارا پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلماسلىقى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىككى ھېلېي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلىتىنىڭ يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما، ئىراننىڭ خەتەرلىك شۇنداقلا مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفمۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق ترامپنىڭ قارارى توغرىسىدا  پىكىر بايان قىلدى؛ ئۇ، يادرو كېلىشىمىنىڭ قايتا مۇزاكىرە قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى ۋە ترامپنى خەلقئارالىق بىر كېلىشىمنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئۈمىدسىزلەرچە ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا بولسا، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر