خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «سوتسىيالىستىك دۆلەت» ئىبارىسى ئۆزگەرتىلىدىغان بولدى

خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «سوتسىيالىستىك دۆلەت» ئىبارىسى «قۇدرەتلىك ۋە زامانىۋى سوتسىيالىستىك دۆلەت»دېگەن ئىبارىگە ئۆزگەرتىلىدىغان بولدى.

خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «سوتسىيالىستىك دۆلەت» ئىبارىسى ئۆزگەرتىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ساداقەت قەسىمى قىلىشتا سۆزلىنىدىغان « سوتسىيالىستىك دۆلەت »ئىبارىسىنىڭ ئالدىغا «قۇدرەتلىك» ۋە «زامانىۋى» دېگەن سۆزنىڭ قوشۇلۇشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيغا سۇنۇلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاساسىي قانۇندىكى ساداقەت قەسىمىگە مۇناسىۋەتلىك ماددىنى تۈزىتىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشگە بېرىلگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قەسەم بەرگەندە سۆزلەيدىغان «سوتسىيالىستىك دۆلەتكە خىزمەت قىلىش»ئىبارىسى «پاراۋان، قۇدرەتلىك، دېموكراتىيەلىك، مەدەنىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغان زامانىۋى سوتسىيالىستىك دۆلەتكە خىزمەت قىلىش»دېگەن ئىبارىگە ئۆزگەرتىلىدىكەن.

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىجرائىيە ئىشلىرى كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ يوڭ، دۆلەت ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانلىرى دائىرىسىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە « سوتسىيالىستىك دۆلەت »ئىبارىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتايدا 2016-يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان  نۆۋەتتىكى ئاساسىي قانۇندا بارلىق دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ساداقەت قەسىمى بېرىش مەجبۇرىي بارلىقى كۆرسىتىلگەن.

يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ كېلەر ئاي ئۆتكۈزلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 13-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىن قانۇنلىشىدىغانلىقى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر