بىرما ئارمىيەسى ب د ت نىڭ «نۇمۇس قىلارلىقلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاراكانلىق ئاياللار ۋە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلغان، جۈملىدىن جىنسى زوراۋانلىق يۈرگۈزىۋاتقان بىرما ئارمىيەسىنى «نۇمۇس قىلارلىق» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

بىرما ئارمىيەسى ب د ت نىڭ «نۇمۇس قىلارلىقلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتتېررېس ئالدىنقى يىلى تۇقۇنۇشلۇق رايونلاردا يۈز بەرگەن جىنىسىي زوۋارانلىقلارغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇندى.

دوكلاتتا 19 دۆلەتتىكى تۇقۇنۇشلۇق رايونلاردا ئاساسلىق كۆپ قىسمى دۆلەت سىرتى ئاكتىيورلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنىغان جىنايەتلەر، باسقۇنچىلىق، قۇل پاھىشە بازىرى، پاھىشىگە مەجبۇرلاش، مەجبۇر بالا ئالدۇرۇش قاتارلىق جىنسىي زوراۋانلىقلار تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتى تارتىلدى.

باسقۇنچىلىق ۋە جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ تۇقۇنۇشلاردا قورال ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزگەن زورۋانلىق ۋەقەلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىندى. 

بىرما ئارمىيەسىنىڭ «ئاراكانلىق ئاياللار ۋە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە جىنسى زوراۋانلىق يۈرگۈزۈش ۋەقەلىرىنىڭ قارا تىزىملىككە ياكى «نۇمۇس قىلارلىقلار» تىزىملىكى دەپمۇ بىلىنىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە دائىر دوكلاتى سۇنۇلدى. 

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكانلىقلارنىڭ بىرمادىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قايتىپ كېلىشىنى توسۇش ئۈچۈن جىنسىي زوراۋانلىقنى قورال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى ۋە ئاراكان خەلقىنى قورقۇتۇش ئارقىلىق ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك جازالىغانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، «بىرمادىن قاچقان ئاكانلىق ئاياللارغا ۋە قىزلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ھەتتا كوللېكتىپ باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق جىنسىي زوراۋانلىقلارنى سادىر قىلغانلىقى قەيت قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، 25ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىن قېچىشقا مەجبۇر بولۈپ، باڭلادېشتا پاناھلانغانلارنىڭ سانى 700 مىڭدىن ئاشقان.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئېلان قىلغان سۇنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق يۈزلىگەن يېزىنىڭ يوقتۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.

ئاراكانلىقلارنىڭ ئۆز يۈرتلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن بىرما ۋە باڭلادېش ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر، يۈرتلىرىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ھۆججەتلىك بىر شەكىلدە بەلگىلەپ چىقىش مۇمكىن بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىجرا قىلىنماي كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلارغا «ئىرقىي تازىلاش ھەرىكىتى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ باھا بېرىپ كەلمەكتە. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر