سۈرىيەدە تېررورچىلارنىڭ بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلغانلىقلىرى ئاشكارىلاندى

ب د ت نىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىدا سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بالىلارغا جىنسىي زواۋانلىق قىلغانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

سۈرىيەدە تېررورچىلارنىڭ بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلغانلىقلىرى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك-پ ي د نىڭ سۈرىيەدە بالىلارغا قىيىن-قىستاق قىلىپ جىنسىي زوراۋانلىق قىلغانلىقلىرى ئاشكارىلاندى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى گۈۋەن بەگەچ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلاردا سادىر بولغان جىنسىي زورۋانلىق قىلمىشلىرى مەسىلسى بويىچە چاقىرىلغان يىغىندا سۆز قىلدى.

بەگەچ سۈرىيەدە ھەم ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەمدە دائېش ۋە پ ك ك – پ ي د غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ۋەھشىي جىنسىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى. سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلار ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىغىمۇ كىرگۈزۈلدى.

ب  د ت گە  قاراشلىق خەلقئارا مۇستەقىل سۈرىيە تەتقىقات كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا  تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د نىڭ گۇماشتىسى سۈرىيە دېموكراتچى كۈچلەر پارتىيەسىنىڭ راققەدە گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئوغۇل بالىلارغا زوراۋانلىق قىلىپ جىنسىي ئەزالىرىنى كۆيدۈرگەنلىكلىرى ياكى كۆيدۈرۈش بىلەن تەھدىت سالغانلىقلىرى توغرىسىدا تەپسلىي مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن بەگەچ مۇنۇلارنى دېدى: «تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك – پ ي د نىڭ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك بالىلارغا قىيىن-قىستاق قىلىپ جىنسىي زوراۋانلىق قىلغان.»

ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېررېسنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرغان سۈرىيەدىكى زواۋانلىق ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دوكلاتى ئۈستىدە توختالغان بەگەچ، بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭمۇ كىشىنى ھەقىقەتەن ۋەھىمىگە سالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

بەگەچ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرما ھۆكۈمىتىدىن ئاراكانلىق مۇساپىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا بىخەتەر ھالدا قايتىپ كېتىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈپ بېرىلىشىگە رۇخسەت قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىق بولۇپ بارلىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىشنى كۈتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر