ئەنگلىيەدە «سۈرىيە ھەربىي ھەرىكىتى»گە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيەنىڭ لوندون بولۇپ نۇرغۇن شەھىرىدە سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئەنگلىيەدە «سۈرىيە ھەربىي ھەرىكىتى»گە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ لوندون  بولۇپ نۇرغۇن شەھىرىدە ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

پايتەخت لوندوندىكى نامايىشنى ئەنگلىيەدىكى ئۇرۇشقا قارشى بولغان «ئۇرۇشنى توختىتىش بىرلەشمىسى» تەشكىللىدى. نامايىشچىلار تارىخىي پارالامېنت بىناسى ئالدىدىكى مەيدانغا يىغىلدى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت توغرۇلۇق پارلامېنت ئەزالىرىنى مەلۇماتلاندۇرۇش مەقسىتىدە پارلامېنتتا يىغىن ئېچىلىۋاتقان ئەسنادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنى سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماسلىققا چاقىردى.

«سۈرىيەنى بومباردىمان قىلىشنى توختىتىڭلار، تىنچلىق بەرپا قىلىشقا تىرىشىڭلار»دېگەن مەزمۇندىكى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار «پۇقرالارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ۋە سۈرىيەنى بومباردىمان قىلماڭلار»دېگەن مەزمۇندا شوئارلارنى توۋلاشتى.

لوندوندىن باشقا كامبىرىج، ئېكېستېر، ئابېريستۋىت، مىلتون كېينېس، ساۋۇسھامپتون، مايىنھېد، پىلايموس، ئوركنېي، سىۋانسې ۋە برىستون شەھەرلىرىدىمۇ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىغا نامايىش ئۈچۈن يىغىلغاندا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي پارلامېنتتىكى يىغىندا ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئەنگلىيەنىڭ «دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ»تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيە ھەپتە ئاخىرى ئامېرىكا ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، ھەربىي ھەرىكەتكە ئەنگلىيەنىڭ قىبرىس رۇمدىكى ئاكروتىرى ھەربىي بازىسىدىكى 4 كۈرەشچى ئايروپىلانىمۇ قاتناشتۇرۇلغانىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر