فىلىپپىن بىلەن كۇۋەيت ئارىسىدىكى «ئىشچى كىرىزىسى» ھەل بولۇشقا يۈزلەندى

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې، فىلىپپىنلىق ئىشچىلارنىڭ كۇۋەيتكە بېرىشىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

فىلىپپىن بىلەن كۇۋەيت ئارىسىدىكى «ئىشچى كىرىزىسى» ھەل بولۇشقا يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى ھاررىي روقۇئې، رودرىگو دۇتېرتېنىڭ ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرى سىلۋېستا بېللوغا، فىلىپپىنلىق ئىشچىلارنىڭ ئىشلەش ئۈچۈن كۇۋەيتكە بېرىشىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

چەكلىمىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىچە ھېچقانداق بايانات بېرىلمىدى.

دۇتېرتې، 29 – ئاپرېلدا فىلىپپىنلىق ئىشچىلارنىڭ كۇۋەيتكە بېرىشىنى مەنئى قىلغان، فېۋرال ئېيىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان بەلگىلىمىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تۈزۈمگە ئايلاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە فىلىپپىنلىقلارنىڭ ئىشلەچ ئۈچۈن كۇۋەيتكە بېرىشىغا بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

كۇۋەيتتىكى فىلىپپىنلىق ئىشچىلارنىڭ خالىسا ئۇ دۆلەتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇتېرتې، ھۆكۈمەتنىڭ قايتماقچى بولغانلارغا ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بەزى كۇۋەيتلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىدە ئىشلەيدىغان فىلىپپىنلىق خىزمەتچىلەرنىڭ يوقىلىپ كېتىشى بىلەن باشلانغان مەسىلە، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا خىزمەتچى ئاياللارنىڭ فىلىپپىن ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىك ئاپتوموبىللىرى بىلەن ئۆيلەردىن ئېلىپ قېچىلغانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەرنىڭ تارقىلىشىدىن كېيىن دىپلوماتىك كىرىزىسقا ئايلانغانىدى.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۇۋەيت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدېرىكى قىلىنالمىغان بىر فىلىپپىنلىق خىزمەتچىنىڭ جەسىتىنى بۇنىڭدىن بىر ئايچە ئىلگىرى بىر لىۋان پۇقراسى بىلەن سۈرىيەلىك ئايالنىڭ ئۆيىدىكى توڭلاتقۇدىن تاپقانىدى.

ۋەقەدىن كېيىن فىلىپپىن بىلەن كۇۋەيت ئارىسىدا سوغۇقچىلىق كۆرۈلگەنىدى.

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتېرتې فېۋرال ئېيىنىڭ باشلىرىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كۇۋەيتتىكى تۈزۈمنىڭ فىلىپپىن پۇقرالىرىنى قوغدىيالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، بۇ دۆلەتكە فىلىپپىنلىق ئايال ئىشچىلارنىڭ بېرىشىنى چەكلىگەنلىكلىرىنى، مۇناسىۋەتلىك قارارنىڭ پارس قولتۇقىدىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كېڭەيتىلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

كۇۋەيت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، 25 – ئاپرېلدا فىلىپپىننىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رېناتو پېدرو ئوۋىلانى «خالانمىغان ئادەم» دەپ ئېلان قىلىپ، كېچىككەندىمۇ بىر ھەپتە ئىچىدە كۇۋەيتتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانىدى.

كۇۋەيت مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خالىد ئەلجارۇللاھ 27 – ئاپرېلدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە كۇۋەيتنىڭ مانىلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە باشتا ئايال خىزمەتچىلەر مەسىلىسى بولۇپ فىلىپپىن پۇقرالىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە ئالاقىدار ئۇلتىماتۇمدىكى تەلەپلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئورۇنداشقا باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

جارۇللاھ، باشقا تەلەپلەر بىلەن فىلىپپىنلىق ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ قاچۇرۇلۇش ۋەقەسىگە ئارىلاشقانلىقى تۈپەيلى تۇتۇلغان 800 ئادەمنىڭ دۆلەتلىرىگە يول سېلىۋېتىلىشى توغرىسىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر