تىللېرسون: ئامېرىكا ئەخلاق ۋە دۇرۇستلۇق كىرىزىسىگە يېتىپ كېتىۋاتىدۇ

ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ئامېرىكا خەلقى ۋە رەھبەرلىرىنىڭ كۈنسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەخلاق ۋە دۇرۇستلۇق كىرىزىسىگە يېتىپ كېتۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تىللېرسون: ئامېرىكا ئەخلاق ۋە دۇرۇستلۇق كىرىزىسىگە يېتىپ كېتىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېكس تىللېرسون ۋىرجىنىيە ھەربىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى نۇتىقىدا: «رەھبەرلىرىمىز ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا تىرىشسا ياكى بىز خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەقىقەتلەرگە بەرداشلىق بېرىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان يوللىرىنى تاللاشتەك بىر ھەقىقەتنى قوبۇل قىلساق، ئۇ چاغدا ئامېرىكا پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەركىنلىكلىرىمىزدىن ۋاز كېچىش يولىغا كىرىپ قالامدۇق» دېدى.

خەلق بولۇش ۋە ئەركىن ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ ئەھمىيەتسىز دەپ قارالغان مەسىلىلەردىمۇ ئەگەر ئەمەلىيەتتىن ئۇزاقلىشىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ئامېرىكىنىڭ پىكرى ئاساسىدىن ئۇزاقلاشقان بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان تىللېرسون، ئامېرىكىلىقلارنىڭ جەمئىيەت ئەخلاقى ۋە دۇرۇستلۇق جەھەتتىن ئېغىر كىرىزىسقا دۇچ كەلگەنلىكى، ئەگەر بۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمىسا، ئامېرىكا دېموكراتىيەسىنىڭ زۇلمەتلىك دەۋرلەرگە كىرىپ قالدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 13مارت كۈنى ئەتگەندە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، تىللېرسوننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

تىللېرسون مىنىستىرلىقتىن ئايرىلىش نۇتىقىدىمۇ «ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز بولغان دۇرۇستلۇقنى قەتئىي يوقىتىپ قويماقلار» دېگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر