ترامپ شىمالىي كورېيە ھەققىدە «قېنى نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن ئاقسارايدا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ترامپ شىمالىي كورېيە ھەققىدە «قېنى نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 12ئىيۇندا شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان كۆرۈشۈشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان ياكى قالدۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «قېنى نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى. 

دونالد ترامپ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن ئاقسارايدا ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مانىۋېرنى باھانە قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۇچرىشىشنى توڭلىتىپ قويۇشى ۋە 12 - ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانغان ئۇچرىشىشنىڭمۇ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرش ئېلان قىلغانلىقى ئۈستىدە توختالدى.

دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆزىگە ھېچبىر مەلۇمات يوللىمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «تېخىچە ئۇنداق بىرەر ئىشنى كۆرۈپ ياكى ئاڭلاپ باقمىدۇق. بىزگە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى باكى ئېلان قىلىنمىدى. نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېدى.

دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن 12 - ئىيۇندىكى ئۇچرىشىشىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ياكى ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى ھەقىقدىكى سوئالغا ئېنىق جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۈپ، «قېنى نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش بىلەنلا كۇپايە قىلدى.

شىمالىي كورېيە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىغا قارىتا «كۈشكۈرتىش» دەپ باھا بەرگەن ھەمدە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇزاكىرىلەرنى توڭلىتىپ قويغان ئىدى. 

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىننىڭ 27 - ئاپرېلدا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدىغان ھەمدە بۈگۈن چېگرادىكى پانجۇمۇم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ توڭلىتىپ قويۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» نىڭ خەۋىرىدە، «جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە شىمالىي كورېيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان ھەربىي مانېۋىر پانجۇمۇن كېلىشىمنامىسىگە يىرگىنىشلىك ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئىجابىي سىياسىي ئىلگىرلەشلەرگە قارىتا ھەربىي بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىدۇر» دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى.

شىمالىي كورېيە بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 12ئىيۇندا ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشنىڭمۇ ئەمەلدىن قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر