ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكى

ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى.

ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكى

ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ۋە بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا دۆلەت مۇداپىئەسى تېخنولوگىيەسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇرۇشنىڭ ماھىيىتىمۇ ئۆزگەرمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا،  بۇ ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇرۇشنىڭ ئۆزگىرىشچان ئالاھىدىلىكى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى  ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

دۆلەت مۇداپىئەسى تېخنولوگىيەلىرى ۋە ئۇرۇشلارغا ئالاقىدار مېتودلار ئۇزاق تارىخ مابەينىدە تېخنولوگىيە بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. يېڭى تېخنىكا، ۋاسىتە ۋە مېتودلاردىن پايدىلىنىش، دۈشمەندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇش تىرىشچانلىقىدىن سىرت يەنە، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر نىشان دەپ قارىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر يېڭىلىق بۇرۇنقى ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشتىن يەكۈنلىنىدىغان تەجرىبە – ساۋاقلار ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.

ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، گېئوپولىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىن سىرت يەنە، دۆلەتتىن سىرتقى ئاكتىيورلارنىڭمۇ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشى، ئۇرۇشنىڭ يېڭى مېتود، يېڭى تاكتىكا ۋە يېڭى سىستېمىلار ئارقىلىق داۋاملىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ. «يېڭى مېتودلۇق ھازىرقى زامان ئۇرۇشى» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بۇ ئۇرۇشتا، تېخىمۇ كىچىك تىپتىكى، ھەرىكەت ئىقتىدارى يۈكسەك، مەركەزلىك ھەرىكەت قىلىدىغان بىر - بىرىگە قاراشلىق قىسىملار؛ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ.

«يېڭى مېتودلۇق ھازىرقى زامان ئۇرۇشى» نىڭ دەسلەپكى ئۆرنەكلىرى سۈپىتىدە لىۋىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش، ئافغانىستان ئۇرۇشى قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.

بۇ ئۆرنەكلەردە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي نىشانلىرى ئۈچۈن دۆلەتتىن سىرتقى ئاكتىيورلارنى ئىشلەتكەنلىكلىرىنى، ئۇرۇشنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا ياكى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېلان قىلىنىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە «ۋەسىي ئۇرۇشلىرى» شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرىمىز. پارتىزانلىق ئۇرۇشىدا، مۇنزىتىم بولمىغان ئالاھىدە ئۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن، تاكتىكىلىق ۋە ئىستىراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش، تور ئۇرۇشى قاتارلىق مېتودلاردىن پايدىلىنىلماقتا.

دۆلەت مۇداپىئەسى تېخنولوگىيەلىرى ۋە ئۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىرىنى بەلگىلەشتە، تەھدىت مۇھىتى ۋە ئېلىپ بېرىلغۇسى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ شەرت – شارائىتلىرى ئاساسلىق ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

يۈز بەرگۈسى توقۇنۇشتا رايونلارنىڭ شەرت – شارائىتلىرىنى ئانالىز قىلىش، قوراللىق قىسىملارنىڭ بۇ رايونلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى ۋە دۈشمەننىڭ ئىقتىدارىغا قارشى تەييارلىق كۆرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيادا سىياسىي، تارىخىي، ئىقتىسادىي ئەھۋاللار دائىرىسىدە شەكىللەنگەن كۆپلىگەن سۈركىلىشلەر، توقۇنۇشلار ۋە كىرىزىس نۇقتىلىرى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە ئەتراپىدىدۇر.

2011 – يىلى تۇنىستا پارتلىغان ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يېيىلغان «ئەرەب باھارى» دەپ ئاتالغان خەلق ھەرىكەتلىرى، رايوننىڭ گېئوپولىتىكىلىق تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى.

تۇنىس، لىۋىيە ۋە مىسىردىكى ھاكىمىيەت ئۆزگىرىشى ۋە سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ ھەرىكەتلەر، رايوندا تۈرلۈك رادىكال قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە كۈچىنى زورايتىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

سۈرىيەدە 2011 – يىلى باشلانغان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن، رايون دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى بىۋاسىتە تەھدىتكە ئۇچرايدىغان  ھالەت شەكىللەندى. كىرىزىسنىڭ رايون دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۇرۇشقا، ياكى تېخىمۇ مۇرەككەپ بىر كىرىزىسكە ئايلىنىپ كېتىش خەۋپى باردۇر.

ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان ئىراننىڭ داۋاملىق ۋەسىي ئۇرۇشى سىياسىتىنى يولغا قويۇشى، ھەم رايون دۆلەتلىرى ھەم خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن «جىددىي تەھدىت» دەپ قارالماقتا.

ئىراننىڭ بولۇپمۇ يىراق مۇساپىلىق راكېتامىيوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنولوگىيەلىرى، پارىس قولتۇقىدىكى دېڭىز قاتنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە سىستېمىلىرىمۇ رايون دۆلەتلىرى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «جىددىي تەھدىت» دەپ قارىشىغا سەۋەب بولماقتا.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.

ئۇرۇش مېتودلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا شەك – شۈبھىسىز ھالدا تېخنولوگىيە مۇھىم رول ئوينىدى ۋە ئويناۋاتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىلىم، ئۇچۇر ۋە تېخنولوگىيەلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، بىز باشتىن كەچۈرۈۋاتقان يۈز يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان باسقۇچتا دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە بىر قاتار تېخنولوگىيە، سىستېما ۋە چارە – تەدبىرلەرنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارماقتا.

بۇلار ئۇچۇر تېخنولوگىيەلىرى، تور ئۇرۇشى، بىيوتېخنىكا، باشقۇرغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە، ئىنسانسىز ئۇرۇش سىستېمىلىرى، ئىلغار ماتېرىياللار ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەلىرى، تەقلىدلەشتۈرگۈچلەر ۋە سۈرەت ھاسىل قىلىش تېخنولوگىيەلىرى، تاللاش خاراكتېرلىك كۈچ سىستېمىلىرى ۋە يېقىلغۇ تېخنولوگىيەلىرىدۇر.

دۇنياغا داڭلىق ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىستىراتېگىيە ئالىمى كارل ۋون كلائۇسېۋىتز، ئۇرۇشنى «سىياسەتنى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى» دەپ ئاتايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇشنى، تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۆلەت مۇداپىئەسىنى «دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستىراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى» دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.

دەرۋەقە، ئۇزاق تارىخ مابەينىدە كۆپلىگەن ئىمپېرىيەلەر ۋە دۆلەتلەر، ئۇرۇشنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئىستىراتېگىيەلىك پىلانلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە قوللاندى.

نۆۋەتتە ھەربىي قابىلىيەتلەرنىڭ، دۆلەت مۇداپىئەسى تېخنولوگىيەلىرىنىڭ ۋە ئۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تېخنولوگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەلۋەتتە.

ئۇرۇشنىڭ يېقىن ۋە يىراق كەلگۈسىدە قانداق شەكىللىدىغانلىقىنى؛ يۈز بەرگۈسى توقۇنۇش مۇھىتى ۋە شەرت – شارائىتلارنى، دۈشمەنلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگۈسى تالانتلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، تەسىر كۈچى زور ئۇرۇش كۈچىگە ئېرىشىش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم.

ئىستىراتېگىيەلىك، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئالدىن مۆلچەرلەش قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىغاندىلا، ئاندىن زامانىۋى ئېھتىياجلارنى قامدىيالايدىغان دۆلەت مۇداپىئەسى تېخنولوگىيەلىرىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر