كىم جوڭئۇن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا 12-ئىيۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سىنگاپوردا ئەمەلگە ئاشقان كۆرۈشۈشنى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى.

كىم جوڭئۇن خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىم جوڭئۇن تۈنۈگۈن (19-ئىيۇن) كى خىتاي زىيارىتىدە يادرو قوراللىرىنى تازىلاش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى قوللىغان ۋە بۇ جەرياندا مۇھىم رول ئويناشنى ۋەدە قىلغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەشەككۈر ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى مۇستەھكەملەش ۋە دوستانە مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ۋەدە قىلدى. ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ "كورېيە يېرىم ئارىلىدا ۋە رايوندا يېڭى بەت ئېچىش مۇساپىسى" دە، خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىككى كۈنلۈك زىيارەت ئۈچۈن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن كىم جوڭئۇن، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشنى مۇزاكىرە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر