سەلمان كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز، يەمەندە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئارمىيە مەنسۇپلىرىغا بېرىلگەن ھەربىي ۋە كەسپىي جازالارنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا قارارنامە چىقاردى.

سەلمان كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپانىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قارارنامىدە «ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بايرىقى ئاستىدا يەمەندە جەڭ قىلىۋاتقان ئەسكەرلەرنىڭ سەرپ قىلغان غەيرەتلىرىنى تەقدىرلەش، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىنىڭ خۇشال ۋە مەمنۇن قىلىش ئۈچۈن، مۇئەييەن قائىدە – پىرىنسىپلارغا ئاساسەن، يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان خادىملارغا بېرىلگەن ھەربىي ۋە كەسپىي جازالار كەچۈرۈم قىلىندى.» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

خەۋەردە يەنە، كەچۈرۈمنامە ئېلان قىلىش تەلىپىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر