تاج مەھەلدە جۈمە نامىزى ئۆتەش مەنئى قىلىندى

دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان ھىندىستاننىڭ ئاگرا شەھىرىدىكى خاتىرە مازار – تاج مەھەلدىكى مەسچىتتە شەھەر سىرتىدىن بارغانلارنىڭ جۈمە نامىزى ئۆتۈشى مەنئى قىلىندى.

تاج مەھەلدە جۈمە نامىزى ئۆتەش مەنئى قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنامىسىگە «تاج مەھەل دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھاپىزەت قىلىنىشى كېرەك» دەپ ئىزاھات بەردى ۋە «ئاگرادا كۆپ ساندا جامە بار، ناماز ئۆتەشنى خالايدىغانلار شۇ يەردە ئۆتىسە بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھۆكۈمنامىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاج مەھەلدىكى مەسچىتتە ناماز ئۆتەشنى خالايدىغان مۇسۇلمانلار، ئۆزىنىڭ ئاگرادا ياشايدىغانلىقىنى دەلىللىشى شەرت ئىكەن.

تاج مەھەل، بابۇر شاھ قۇرۇپ چىققان ھىند – تۈرك ئېمپىراتورلۇقىنىڭ 6 – ھۆكۈمدارى شاھ جىھان تەرىپىدىن 1631 – يىلى 14 – پەرزەنتىنى تۇغۇش ئەسناسىدا ۋاپات بولۇپ كەتكەن رەپىقىسى ئەرجۇمەند بانۇ بەگۇمغا بېغىشلاپ سالدۇرۇلغان. 1632 – يىلى ئېمپىراتورلۇقنىڭ شۇ چاغدىكى پايتەختى ئاگرا شەھىرىنىڭ يامۇنا دەرياسى بويىغا سېلىنىشى باشلانغان بۇ قۇرۇلۇش، 20 يىلدا پۈتكەن.

تۈرك – ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن ئۈلگىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان تاج مەھەل، 82 مېتىرلىق گۈمبىزى بىلەن دىققەتنى تارتىدۇ. «دۇنيادىكى ئىشقى – مۇھەببەتكە بېغىشلاپ بەرپا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ گۈزەل خاتىرە» دەپ قارىلىدىغان بۇ كۆركەم قۇرۇلۇشنىڭ نامىنىڭ، ئەرجۇمەند بانۇنىڭ تەخەللۇسى بولغان مۇمتاز مەھەلدىن ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

تاج مەھەل، شىۋېيتسارىيەدىكى New7Wonders ۋەقپى تەرىپىدىن 6 يىل بويىچە ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بېكىتىپ چىقىلىپ، 2007 – يىلى ئېلان قىلىنغان «دۇنيانىڭ يېڭى يەتتە مۆجىزىسى» نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر