گىرېتسىيەدە ت ر ت خادىملىرى تۇتقۇن قىلىندى

گىرېتسىيە ساقچىلىرى ت رت خادىملىرىنى سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىپ 3 يېرىم سائەت سولاپ قويدى.

گىرېتسىيەدە ت ر ت خادىملىرى تۇتقۇن قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەدىكى ت ر ت خادىملىرى گىرېتسىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ 3 يېرىم سائەت دەدەئاغاچ ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىغا سولاپ قويۇلدى.

ت ر ت مۇخبىرى فاتىھ سابۇنجى، ت ر ت كامېراچىسى ئۇفۇك كاراگۈل ۋە شوپۇر مەتىن تالۇدىن تەشكىل تاپقان ت ر ت  خىزمەت ئەترىتى، ئالېكساندروپولىس (دەدەئاغاچ) ئايرودۇرۇمىغا يېقىن جايدا 15-ئىيۇل ۋەقەسى ئۈچۈن نەق مەيداندىن تارقىتىش سىناق پىروگراممىسى ئىشلىگەندىن كېيىن ماشىنا بىلەن مېھمانخانىغا قايتىۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

خادىملارنىڭ ئۈستىدىكى تېلېفون، پورتمال، كىملىككە ئوخشاش خۇسۇسىي بۇيۇملار ساقچىلار تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىندى ۋە دەدەئاغاچ ساقچى ئىدارىسىنىڭ قاماقخانىسىغا 3 يېرىم سائەت سولاپ قويۇلدى.

 ت ر ت مۇخبىرى سابۇنجى گىرېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ سەۋەبسىزلا ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلغانلىقلىرىنى، 3 يېرىم سائەت سولاقخانىدا ياتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ت ر ت خادىملىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، غەربىي تىراكيا تۈرك ئاز سانلىقلار مەسلىھەت كېڭىشى باشلىقى ۋە گۈمۈلجىنە مۇپتىسى ئبىراھىم شەرىف بولۇپ بىر نەچچە جامائەت ئەربابى ت ر ت خادىملىرى تۇرۇۋاتقان مېھمانخانىغا بېرىپ ئۇلاردىن ھال-ئەھۋال سورىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر