خىتاي تاراتقۇلارغا «سودا ئۇرۇشى»توغرىسىدا خەۋەر ئىشلىمەسلىككە يوليۇرۇق چۈشۈردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن ئارىسىدا بولىۋاتقان «سودا ئۇرۇشى»توغرىسىدا تاراتقۇلارغا خەۋەر ئىشلىمەسلىككە يوليۇرۇق چۈشۈردى.

خىتاي تاراتقۇلارغا «سودا ئۇرۇشى»توغرىسىدا خەۋەر ئىشلىمەسلىككە يوليۇرۇق چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولىۋاتقان «سودا ئۇرۇشى»نى تاراتقۇلاردىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر ۋاقت»گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى تاراتقۇلارغا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى «سودا ئۇرۇشى»توغرۇلۇق خەۋەر ئىشلىگەندە دىققەت قىلىش توغرىسىدا يوليۇرۇق چۈشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي  تاراتقۇلىرىدا ئىشلەيدىغان 4 شەخسنىڭ مەلۇماتىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، تاراتقۇلارنىڭ پايچىك ئىندېكسلىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ياكى «خەلق پۇلى»نىڭ قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى توغرىسىدا خەۋەر ئىشلىگەندە، مەسىلىنى «سودا ئۇرۇشى»غا باغلاپ چۈشەندۈرمەسلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ سەرلەۋھىسىگە «سودا ئۇرۇشى»دېگەن ئىبارىنىڭ ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھۆكۈمەت تاراتقۇ ئورگانلىرىغا «سودا ئۇرۇشى»توغرۇلۇق خەۋەر ئىشلەشكە رۇخسەت قىلغان بولسا، باشقا تاراتقۇ ئورگانلىرىدىن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىنىلا ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئالاقىزادىلىشپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر