بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرىلەردە بەزى رايونلاردىكى كىشىلەرنى باشقا جايلارغا يۆتكەش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچىلەر بىردەكلىك ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كېلىشىم دائىرىسىدە ھەربىي ئۆكتىچىلەرنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى ئىدلىبنىڭ فۇئا ۋە كەفەريا رايونلىرىدىن 6 مىڭ 900 كىشىنىڭ باشقا جايلارغا كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنىدىكەن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈرمىلەردىكى 1500 پۇقرا ۋە ئۆكتىچىنى قويۇپ بېرىدىكەن.

كېلىشىمگە ئاساسەن بۇ خىزمەت تاماملانغاندىن كېيىن شىئە نوپۇسقا ئىگە ئىككى رايون بوشىتىلغان بولىدىكەن.

ئىلگىرىمۇ ئۆكتىچىلەر بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى فۇئا ۋە كەفەتەريادا ياشايدىغان شىئە نوپۇسنى باشقا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان ئىدى.

سۈرىيەنىڭ مادايا، زەبادانى ۋە يەرمۈك رايونلىرىدىكى مۇساپىرلار لاگېرلىرىدىكىلەر بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈرمىلىرىدىكى نۇرغۇن تۇتقۇن قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر