دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان سارىپۇل ۋىلايىتىدە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى تالىباننىڭ لاگېرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 15 تالىباننى ئۆلتۈردى.

دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سارىپۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسى باياناتچىسى زەبىھۇللاھ ئامانى، دائېش ئەزالىرىنىڭ سارىپۇلنىڭ سەيياد ناھىيەسىدىكى تالىبان لاگېرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 15 تالىباننى ئۆلتۈرۈپ، 5 تالىباننى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.


خەتكۈچ: دائېش , تالىبان

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر