ئىراق نامايىشلاردا ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىدۇ

ئىراق ئارمىيەسى نامايىشلاردا ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىدۇ.

ئىراق نامايىشلاردا ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى يەھيا رەسۇل باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىراق ئارمىيەسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ، «نامايىشچىلارغا قارشى ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىش يوليورۇقى» غا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نامايىشچىلارنىڭ ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرگە قاتتىق چارە – تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى، بۇ يوليورۇقنىڭ نىشانىنىڭ تىنچ نامايىشلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، نامايىشلاردا دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىدىن 262 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇلاردىن 6 سىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، 30 ىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر