نېگىرىيەدە 22 تېررورچى قولغا چۈشتى

نېگىرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى باكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 22 تېررورچى قولغا چۈشتى.

نېگىرىيەدە 22 تېررورچى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېگىرىيە ساقچى دائىرىلىرى مەسئۇللىرىدىن ئوفېتسىر دامېن چۇكۋۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، بورنو ئۆلكىسىگە قاراشلىق باما ۋە گىۋوزا رايونىدا باكو ھارامغا قارشى ھەربىي ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دامېن چۇكۋۇ ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، نازازەتكە ئېلىنغان 22 تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسىدىن 8 كىشىنىڭ چىبۇكلۇق قىزلارنى ئېلىپ قېچىش ۋە ئاداماۋا بىلەن مايدۇگۇرى رايونلىرىدا 50 قېتىمدىن كۆپرەك ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسى تۇغدۇرۇش جىنايەتلىرىگە جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر