يەمەندە خولېرا يۇقۇمىدا مىڭلارچە كىشى قازا قىلدى

يەمەندە خولېرا يۇقۇمى سەۋەبىدىن يېقىنقى 13 ئاي ئىچىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 300 دىن ئېشىپ كەتتى.

يەمەندە خولېرا يۇقۇمىدا مىڭلارچە كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم فوندىنىڭ يەمەندىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يەمەندە يېقىنقى 13 ئاي ئىچىدە خولېرا يۇقۇمى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى  2 مىڭ 300 دىن، خولېرا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 118 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، سەھىيە ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرى خولېرا يۇقۇمىنىڭ تېخىمۇ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز خىزمەت ئىشلەۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، سەھىيە سىستېمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى سەۋەبىدىن ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا، 2017 – يىلى ئاپرېلدىن بۇيان يەمەندە خولېرا يۇقۇمىدا 2 مىڭ 200 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، 1 مىليون كىشىنىڭ خولېرا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر