«F-35B» تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ مەشىق ئۇچۇشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدا «F-35B» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرگە تەۋە «F-35» ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى.

«F-35B» تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ مەشىق ئۇچۇشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشمە تائارۇز پىروگراممىسى باياناتچىسى جو دېللاۋېدوۋا: «بارلىق F-35 ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىلغۇ يوللىرى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ F-35 ئۇچۇشلىرى ۋاقىتلىق توختىتىلدى» دېدى.

ئۇ مەزكۇر قارارنىڭ، 28-سېنتەبىر جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ بېفورت ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن «F-35B» ئايروپىلانىنى تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەر سەۋەبلىك چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «مەسىلە كۆرۈلگەن يېقىلغۇ تۇرۇبىلىرى ئورنىتىلغان ئايروپىلانلارنىڭ زاپچاسلىرى ئالماشتۇرۇلىدۇ. يېقىلغۇ تۇرۇبىلىرىدا مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئايروپىلانلار قايتا ئۇچۇشنى باشلايدۇ. تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئالدىمىزدىكى 48-24 سائەت ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

28-سېنتەبىر جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىغا جايلاشقان دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ بېفورت ھەربىي بازىسىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن بىر «F-35B» ئايروپىلانى، بازىغا سەككىز كىلومېتىر قالغان چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ «F-35» ئايروپىلانلىرىدا كۆرۈلگەن تۇنجى  ھادىسە ئىكەنلىكى،  تىك ئۇچالايدىغان ۋە تىك قونالايدىغان «F-35B» ئايروپىلانىدا نۇرغۇن تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقى  ئەسكەرتىلمەكتە.

2016-يىلى ئۆكتەبىردىمۇ ئوخشاش بازىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن «F-35B» ئايروپىلانىنىڭ موتورىدا كاشىلا كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇچقۇچى بازىغا قونۇپ، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ قالغان ئىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ «F-35B» ئايروپىلانى ئۆتكەن ئاي ئافغانىستاندىكى تالىبان نۇقتىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر