ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ كېلەركى ئايدا كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ كېلەركى ئايدا كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ كېلەركى ئايدا كۆرۈشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ رىيا (RIA) ئاگېنتلىقى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ تارقاتقان خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ 11-نويابىر فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 1-دۇنيا ئۇرۇشىنى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىغا قاتناشسا كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، رۇسىيەنىڭ دىيالوگقا ئوچۇق ئىكەنلىكى، ۋاشىنگتون تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا ۋاقىت بىلەن ئورۇننى بىرلىكتە بەلگىلەپ، ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۆتكەنكى كۈنلەردە، فىنلاندىيەدە چىقىدىغان «خېلسىنگىن سانومات گېزىتى»، پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ ئالدىمىزدىكى يىل خېلسىنكىدا يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

كرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترىي پېسكوۋ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئىككى رەھبەر ئىيۇل ئېيىدا فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا كۆرۈشكەن بولۇپ، ترامپ شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش توغرىسىدا «ياخشى باشلىنىش» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر