سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى تەكشۈرۈلىدىغان بولدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى دېلوسىغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى تەكشۈرۈلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىسىنىڭ يازغۇچىسى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2ئۆكتەبىردە توي قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە، ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى ئىنتىزارلىق داۋاملاشماقتا.

ئىستانبۇل جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسى جەمال قاشىقجىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان بولۇپ، تېخىچە ئېنىقسىزلىق بىرەر مەلۇمات يوق. 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەسى، يوقۇلۇپ كەتكەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ھەققىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىدا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا خەۋەر ئاگېنتلىقى «Bloomberg»، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلماننىڭ جەمال قاشىقچى دېلوسىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر