ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى سومالىنىڭ جەنۇبىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەزكۇر قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، «<ئاستىن جۇببە> رايونى» نىڭ ئارائارا مەھەللىسىدە سومالى كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەشەبابقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 4 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ۋاشىنگتون ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش ۋە تېررورلۇق تەھدىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر