جەمال قاشىقجىنىڭ ئاخىرىقى ماقالىسى ئېلان قىلىندى

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىگە يازغان «ئەرەب دۇنياسى ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق نەرسە؛ پىكىر ۋە بايان ئەركىنلىكىدۇر» تېمىلىق ئاخىرىقى ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

جەمال قاشىقجىنىڭ ئاخىرىقى ماقالىسى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمال قاشىقجى ماقالىسىدا، ئەرەب دۇنياسى خەلقلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە توغرا مەلۇماتقا ئىگە قىلىنمىغانلىقىنى ياكى خاتا مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىنسانلارنىڭ رايونىغا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ، جەمئىيەتتە ئوچۇق سۆزلىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى ۋە بۇ ئەھۋاللارنىڭ ئۆزگىرىدىغاندەكمۇ قىلمايدىغانلىقىنى يازدى.

ئەرەب دۇنياسىنىڭ 2011يىلىدا باشلانغان ئەرەب باھارى بويىچە زور ئۈمىتكە تولغانلىقىنى تەكىتلىگەن جەمال قاشىقجى، «ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلەر ۋە ئومۇمىي جەمئىيەت ئۆز دۆلەتلىرىدە پارلاق ۋە ئەركىن بىر ئەرەب دۇنياسىغا بولغان ئۈمىتلەرگە تولۇپ تاشقان ئىدى. ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھاكىم مۇتلەقلىقىدىن ۋە ئۇلارنىڭ دائىم دېگۈكەك مەلۇماتلارغا مۇداخىلە قىلىپ، چەكلىمە قويۇش ھەرىكەتلىرىدىن ئازاد بولۇشنى كۈتمەكتە ئىدى. بۇ ئۈمىتلەر ئىنتايىن تىزلا ۋەيران بولدى. بۇ جەمئىيەتلەرمۇ كونا ھاكىم مۇتلەقلىققە قايتتى ياكى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ قاتتىق شارائىتلارغا دۇچ كەلدى» دېدى.

جەمال قاشىقجى «سەئۇدى ئەرەبىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ ئاتاقلىق ماقالىلەرنى يازغۇچىلاردىن بىرسى» دەپ تەرىپلىگەن دوستى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست سالىھ ئەل شەيخنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارشى ئېنىقلىرىمىلىرى تۈپەيلىدىن قانۇنسىز ھالدا 5 يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەمال قاشىقجى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭمۇ «al-Masry al Youm» گېزىتىنى مۇنۇپول قىلىۋىلىشىغا قارىتا ژۇرنالىست كەسپداشلىرىنىڭ بىرەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەرەب دۇنياسىنىڭ پەقەت تاشقى ئاكتىيورلارنىڭ تاڭغانلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ھاكىمىيەت تالىشىش ئۈچۈن رىقابەت قىلىۋاتقان ئىچكى كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆزگىچە ئۇسۇلدا شەكىللەندۈرۈلگەن تۆمۈر پەردىلەرگىمۇ دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئەرەبلەرنىڭ ساداسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بىر مۇنبەرگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلاھاتچىلىرىغا نىسبەتەن مۇھىم مۇنبەر ھېسابلىنىدىغان «Al Watan» گېزىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە شۇنداقلا ۋاشىنگىتون پوشتا گېزىتىدىمۇ يازغۇچىلىق قىلغان جەمال قاشىقجى، 2ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى رەسمىيەت بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا كىرىپ كەتكەنچە ئىز دىرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى.

تۈركىيە ئامانلىقنى ساقلاش مەنبەلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردا، جەمال قاشىقجىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسىغا بىر كىرىپ كەتكەنچە قايتىپ چىقمىغانلىقىنى ئېنىقلىغانلىقى ۋە شۇ سائەتلەردە 2 ئايروپىلان ئارقىلىق ئىستابۇلغا كەلگەن ھەمدە ئەمەلدارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 كىشىلىك سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىدىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىنىڭمۇ كونسۇلخانا بىناسىغا كىرگەنلىكى ۋە بۇلارنىڭ كېيىن يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. 


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر