خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى 1300 كىشىنى نازارەتكە ئالدى

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى 93 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرى جەريانىدا 56 توننىدىن كۆپرەك زەھەرلىك چېكىملىكنى قولغا چۈشۈرۈپ، 1300 كىشىنى نازارەتكە ئالدى.

خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى 1300 كىشىنى نازارەتكە ئالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «Interpoll» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 17 سىنتەبىردىن 8ئۆكتەبىرغىچە بولغان ئارىلىقتا دۇنيا مىقياسىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى «Lionfish» ناملىق تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا جەمئىي 93 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت نەتىجىسىدە، 35 توننا كوكايىن، 5 توننا خىروئىن، 15 توننا نەشە، 430 مىڭ دانە كاتاگون ۋە 18 مىليون دانە «يابا» ئىسىملىق سۇنئىي مەس قىلغۇچ دورا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ھەرىكەت جەريانىدا 1300 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقى، گوللاندىيەدە سۇنئىي مەس قىلغۇچ دورا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بىر مەخپىي ئوينىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھەرىكەت جەريانىدا يەنە، بېرازىلىيەنىڭ سانتوس پورتىدىن بىر پاراخوت بىلەن پىل چىشى ساھىلىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان 1200 كېلو كوكايىننىڭمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە «Lionfish» ناملىق تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ قازاقىستان، كولومبىيە، رومىنىيە زىمباۋى ۋە سىنگاپور قاتارلىق 5 دۆلەتتىكى مەركەزدىن باشقۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر