سەئۇدى ئەرەبىستان يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 2  - ئۆكتەبىر كۈنى ئىستانبۇل باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ «كونسۇلخانا بىناسىدا يۈز بەرگەن پاتپاراقچىلىق نەتىجىسىدە ئۆلگەنلىكىنى» ئېتىراپ قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان يوقاپ كەتكەن ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي «‹ SPA › خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، جامال قاشىقچىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىغا كىرگەنلىكى، ئاندىن ئۇنىڭ بۇ يەردىكى باشقا سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرى بىلەن تالاش – تارتىش قىلىشقا باشلىغانلىقى، تالاش – تارتىشنىڭ پاتپاراقچىلىققا ئايلىنىپ كەتكىنلىكى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە جامال قاشىقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋەقەنى داۋاملىق تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ۋەقەگە چېتىشلىقى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 18 سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقراسىنىڭ قولغا ئېلىغانلىقى قەيت قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بارلىق جاۋابكارلاردىن ھېساب ئېلىنىدىغانلىقى ۋە ئادالەتكە تاپشۇرۇلىدىغانلىقى، دەرۋەقە، باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قولغا چۈشۈرگەن بارلىق دەلىل – ئىسپاتلارنى ئورتاقلىشىۋاتقانلىقى، جاۋابكارلارنى سوتقا تاپشۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھۆكۈمىتى  يېتەكچىلىكىدە جامال قاشىقچى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا زىچ ھەمكارلاشقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رىياد، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ گۇمانلىق كىشىلەر توغرۇلۇق ئورتاقلاشقان مەلۇماتلارنىڭ جامال قاشىقچى ۋەقەسىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سەئۇدى ئەرەبىستان خان سارىيى بۇ ھەقتە قارارنامە ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئىشلىرى باش ئورگىنىنىڭ دىرېكتور ياردەمچىسى ئەھمەد ئاسىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك 5 كىشىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئاخبارات ئىشلىرى باش ئورگىنىنى قايتىدىن تەشكىللەش ئۈچۈن تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان باشچىلىقىدا مىنىستىرلىق كومىتېتى قۇرۇلۇشى قارارلاشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر